تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

كىچىك ئەگمە پارنىك چاقىلىق ناھىيەسىدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش «يېڭى يول»ىنى ئېچىپ بەردى

  يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە، كەسىپ ئاساس. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، چاقىلىق ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئەگمە پارنىكتا كۆكتات تېرىشنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى تىرىشىپ كېڭەيتتى.

  11- ئاينىڭ ئاخىرىدا، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ ۋاششەرى بازىرى ئۇتام كەنتىدىكى كىچىك ئەگمە پارنىكقا كىرگەندە، زۇمرەتتەك يېشىللىق كۆزگە چېلىقاتتى، ئەگمە پارنىكتىكى كۆكتاتلار ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. بۇ كەنتتىكى تېرىقچىلىق ئائىلىسى ئوسمان ھاشىم ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە چىڭسەي ئۈزۈۋاتاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئېتىزدا تېرىغان كۆكتاتلارنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى تۆۋەن ئىدى، ئەگمە پارنىكتا تېرىلغان كۆكتاتلارنىڭ بازارغا بالدۇر سېلىنىش، باھاسى يۇقىرى بولۇشتەك ئەۋزەللىكى بار ئىكەن، بۇ مېنىڭ ئەگمە پارنىكتا كۆكتات تېرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولغان ئىشەنچىمنى ئاشۇردى.

  «ھويلىمىزدا بىر پارچە بوش يەر بار، ئادەتتە پەسىللىك كۆكتات تېرىپ قوياتتۇق، بۇلتۇر ناھىيە بىزگە كىچىك ئەگمە پارنىك تارقىتىپ بېرىپ، ھويلا- ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىزغا ئىلھام بەردى، ئەتىيازدا شوخلا، لازا تېرىغان ئىدۇق، ھازىر يەنە يوۋبەسەي، چىڭسەي تېرىدۇق، ئۆزىمىز يېسەكمۇ قولايلىق ئىكەن، يەپ بولالمىغانلىرىمىزنى يېقىن ئەتراپتىكى تاللا بازىرىغا سېتىپ، كىرىمىمىزنى ئاشۇردۇق.» دېدى ئوسمان ھاشىم كۈلۈپ تۇرۇپ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاقىلىق ناھىيەسى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى داۋاملىق قوللىنىپ، دېھقانلارنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە يېتەكلەپ، دەۋرىيلىكى قىسقا، ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان ئەگمە پارنىكتا كۆكتات تېرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى.

  «يەرنىڭ كەسىپ ئۈنۈمىنى ئەڭ زور چەكتە ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، چاقىلىق ناھىيەسى ۋاششەرى بازىرىمىز ئاممىنى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە پائال يېتەكلەپ، كىچىك ھويلىدا ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىلىرىنى يېتەكلەش نۇقتىسى قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدى- كەينىدىكى بوش يەرلەرنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈپ، ئەگمە پارنىكتا كۆكتات تېرىش ۋە چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنى بېقىشنى تەرەققىي قىلدۇردى، ھازىر كۆكتات ئەگمە پارنىكىدىن 445ى بار، ئاساسلىقى لازا، شوخلا، چەيزە، يوۋبەسەي قاتارلىق كۆكتاتلار تېرىلىدۇ، ئەگمە پارنىكتا كۆكتات تېرىش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى يەنە بىر يول بولۇپ قالدى.» دېدى چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ ۋاششەرى بازىرى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پاڭ مىڭۋېي.

  (ئىختىيارىي مۇخبىرلار: ساۋ يۆ، ئايتۆرەم تۇردى)

  پايدىلانغان مەنبە: چاقىلىق ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.