تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

پۇقرالارنىڭ تىلىكى | ئالقات ئۆستۈرۈپ كۈنلىرىمىزنى باياشات ئۆتكۈزىمىز

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇڭ ياۋېن) «ھازىر ھاۋا ئاستا- ئاستا سوۋۇشقا باشلىدى، ئالقات ئېتىزلىقىدىمۇ ئىش قالمىدى، شۇ تاپتا ناھىيە ئالقات ئۆستۈرۈش ماھارىتى ئۆگىتىشنى قانات يايدۇردى، مەن بۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ياخشى ئۆگىنىپ، ئالقاتنى ئىلمىي پەرۋىش قىلىش سەۋىيەمنى ئۆستۈرمەكچى بولۇۋاتىمەن.» دېدى 11- ئاينىڭ 23- كۈنى، جىڭ ناھىيەسى تولى بازىرى ئوشاقباي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى لى شياۋلۇڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.

  لى شياۋلۇڭ ئالقات ئېتىزلىقىدا چوڭ بولغان بولۇپ، كىچىكىدىن دادىسىغا ئەگىشىپ ئالقات ئۈزۈپ، ئالقات ساتاتتى، ئۇنىڭ ئالقاتقا بولغان مۇھەببىتى چوڭقۇر. ئۇنىڭ ئالقات تېرىۋاتقىنىغا 20 نەچچە يىل بولدى.

  لى شياۋلۇڭنىڭ نەزەرىدە، ئالقات ئىزچىل ئۇنىڭ ئائىلىسىنى بېقىۋاتقان «گۆھەر» ئىدى، لېكىن ئىزچىل ئۆستۈرۈلۈۋاتقىنى كونا سورت، كېسەللىك ۋە ھاشارەت زىيانداشلىقى كۆپ ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەم كۈچى خىراجىتى يۇقىرى، ئالقات باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بىر مەزگىل بەزى دېھقانلار ئالقات ئۆستۈرۈشنى خالىمىدى، لى شياۋلۇڭمۇ شۇلارنىڭ بىرى ئىدى.

  جىڭ ناھىيەسىدىكى دېھقان ئالقاتلارنى ئاپتاپقا سالماقتا. سۈرەتنى جىڭ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن

  بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جىڭ ناھىيەسى بىر قاتار يۆلەش سىياسىتىنى تۈزۈپ، سورت كىرگۈزۈپ كۆچەت يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، شۇ جايدا ئۆسۈشكە ماس كېلىدىغان ئالقات كۆچىتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈپ، ئالقات سۈپىتىنى مەنبەدىن ئۆستۈرۈپ، ئالقات كەسپىنىڭ سان ئۆزگىرىشىدىن سۈپەت ئۆزگىرىشىگە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  «ئىلگىرى بىز ئالقات ئۆستۈرگەندە <قارىغۇلارچە> ئۆستۈرەتتۇق، پەرۋىش قىلىش يىرىك، ھوسۇل يۇقىرى ئەمەس، سۈپىتىمۇ ياخشى ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالقات ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بارلىق ھالقىسىدا پۈتۈنلەي ئادەم كۈچىگە تايىناتتۇق، ئادەم كۈچى سېلىنمىسى ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيتتى. ھازىر، ناھىيەمىز ئالقات كۆچىتى تىكىش ماشىنىسى قاتارلىق مەخسۇس ماشىنىلارنى كىرگۈزدى ياكى ئۆزگەرتتى، ئالقات ئۆستۈرۈش كۆپ قولايلىق بولدى.» دېدى لى شياۋلۇڭ.

  بۇ يىل 7- ئايدا، لى شياۋلۇڭ ئۆستۈرگەن 35 مو يەردىكى ئالقاتتىن مول ھوسۇل ئېلىندى، ئىلگىرى سېتىشتىن غەم قىلىدىغان ئۇ بۇ يىل خۇشال بولۇپ كەتتى، «ئىلگىرى سېتىشتا ئۆزۈمنىڭ كۈچىگە تايىناتتىم، ئالقات سېتىش ئۈچۈن تەرەپ- تەرەپكە قاترايتتىم، ئۇنىڭ قانچىلىك تەسلىكىنى دېمەيلا قويايلى. بۇ يىل ئائىلىمىزدىكى 35 مو يەردىكى ئالقاتنى يىغىپ بولۇپلا كارخانىغا ئاپىرىپ بەردۇق، بىر كىلوگىرام ئالقاتنى سېتىۋېلىش باھاسى بۇلتۇرقى 12 يۈەندىن بۇ يىل 20 يۈەنگە ئۆستى.» بۇ يىللىق كىرىم تىلغا ئېلىنغاندا، لى شياۋلۇڭنىڭ خۇشاللىقى چىرايىدىن چىقىپ تۇراتتى.

  ئالقاتنىڭ سۈپىتى ئۆستى، ئۈنۈمى ياخشىلاندى، لى شياۋلۇڭنىڭ «ھەميېنى» تومپايدى، ئۇ 120 نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق يېڭى ئۆي سېلىپلا قالماي، يەنە بىر شەخسىي ئاپتوموبىل سېتىۋالدى. بۇ يىل ئەتىيازدا، لى شياۋلۇڭ يەنە 15 مو يەرگە ئالقات تىكتى.

  پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: «يېزا- كەنتلەرنىڭ ئۆزگىچە كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىشىمىز كېرەك.» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. لى شياۋلۇڭنىڭ غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى. «كېيىنكى قەدەمدە، مەن ئالقات ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئالقاتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، تۇرمۇشۇمنى ئوخشىغان ئالقاتلاردەك باياشات قىلىشنى پىلانلاۋاتىمەن.» دېدى لى شياۋلۇڭ ئىشەنچكە تولغان ھالدا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.