تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

پىششىقلاش، ئامبارغا كىرگۈزۈش، ئاممىۋى تەكشۈرۈش... يېڭى پاختىنى سېتىش تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا

 

 11-ئاينىڭ 23-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار يۆتكەش-توشۇش ماشىنىسىنى ھەيدەپ يۈك ماشىنىسىدىن تايلانغان پاختىلارنى چۈشۈرۈپ ئامبارغا توشۇماقتا.

ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ شۆ فوتوسى

  ھازىر، لوپنۇر ناھىيەسىدىكى پاختا پىششىقلاش كارخانىلىرى ۋە پاختا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئامبارلىرى يېڭى پاختا سېتىۋېلىش، پىششىقلاش ۋە ساپ پاختىنى ئامبارغا كىرگۈزۈپ ئاممىۋى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، پاختىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت سودا بازارلىرىغا كىرىشىنى تېزلىتىپ، پاختىكارلارنىڭ نەپكە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، پاختا كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، پاختا ئوبوروتىنىڭ ئۈنۈملۈك، راۋان بولۇشى ۋە پاختا سۈپىتى بىخەتەرلىكىگە يەنىمۇ ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  11-ئاينىڭ 23-كۈنى، خىزمەتچى خادىم يۆتكەش-توشۇش ماشىنىسىنى ھەيدەپ يۈك ئاپتوموبىلىدىن تايلانغان پاختىلارنى چۈشۈرۈپ ئامبارغا توشۇماقتا.

  ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ شۆ فوتوسى

  11-ئاينىڭ 23-كۈنى، خىزمەتچى خادىم ئامبارغا كىرگۈزۈلىدىغان تايلانغان پاختىلارغا ئامبارغا كىرگۈزۈش تامغىسى باسماقتا.

  ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ شۆ فوتوسى

  11-ئاينىڭ 23-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ پاختا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئامبىرىغا كىرگەن ئاپتوموبىللارنى تىزىملاپ، جىڭلىماقتا.

  ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ شۆ فوتوسى

  11-ئاينىڭ 23-كۈنى، خىزمەتچى خادىم ئامبارغا كىرگۈزۈلىدىغان ساپ پاختىنىڭ نەملىك دەرىجىسىنى تەكشۈرمەكتە.

  ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ شۆ فوتوسى

  11-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئامبارغا كىرگۈزۈلىدىغان تايلانغان پاختىلار رەتلىك تىزىلغانىدى.

  ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ شۆ فوتوسى

  11-ئاينىڭ 21-كۈنى، قومۇل شەھەرلىك تالا تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى پاختا تەكشۈرۈش ئەۋرىشكىسىنى بۆلۈپ قاچىلىماقتا.

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، قومۇلنىڭ يېڭى بىر يىللىق پاختا سېتىۋېلىش، پىششىقلاش، ئامبارغا كىرگۈزۈش، ئاممىۋى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. قومۇل شەھىرىنىڭ پاختا كەسىپ زەنجىرىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كەڭ پاختىكارلار ھەم سېتىۋېلىش، پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، قومۇل شەھەرلىك تالا تەكشۈرۈش ئورنى پىششىقلاش، ئامبارغا كىرگۈزۈش ۋە پاختىنى ئاممىۋى تەكشۈرۈش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پائال ياخشى ئىشلەپ، پاختىكارلارنىڭ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلدى، پاختا پىششىقلاش كارخانىلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، قومۇل ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى. ئىگىلىنىشىچە، قومۇل شەھىرىنىڭ پاختىنى ئاممىۋى تەكشۈرۈش خىزمىتى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھازىرغىچە 27 مىڭ توننىدىن ئارتۇق پاختا ئاممىۋى تەكشۈرۈلگەن، مۆلچەرلىنىشىچە، پاختىنى ئاممىۋى تەكشۈرۈشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەتراپىدا ئاخىرلىشىدىكەن.

  ئىختىيارىي مۇخبىر شىڭ باۋيۈ، لى خۇا فوتوسى، خەۋىرى

  11-ئاينىڭ 21-كۈنى، قومۇل شەھەرلىك تەمىنات-سودا يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ پاختىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئامبىرىدا، ئاپتوموبىللار تايلانغان پاختىلارنى توشۇپ ئامبارغا كىرگۈزمەكتە.

  ئىختىيارىي مۇخبىر شىڭ باۋيۈ، لى خۇا فوتوسى، خەۋىرى

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.