تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

قىشنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى «بۇلۇت»تا تاماشا قىلىش! ئەڭ گۈزەل تاغلاق كەنتىنى سىزگە كۆرسىتەي

  قىش كۈنلىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونىدىكى گۈييۈەن تيەنجۈ. تاغلاق كەنتىگە بارغىنىڭىزدا، ئۈزۈپ يۈرگەن ئاق بۇلۇتلارنى، ھەيۋەتلىك تاغلارنى كۆرىسىز. تۇپراق مۇز بىلەن قاپلىنىپ، تاغىل ئىزلارنى قالدۇرۇپ، كۈن، ئاي، يۇلتۇزلارنىڭ پېتىپ-چىقىشىنى، مىسلىسىز ئۆزگىرىشلەرنى يېزىپ چىقماقتا ئىدى.

گو يوۋجۈن فوتوسى

  يىراققا نەزەر سالغاندا، ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان تاغلار ناھايىتى ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. شىۋىرغاندىن كېيىن، قۇياش نۇرى يىراقتىكى تاغلارنى يەنە بىر قېتىم يورۇتتى.

گو يوۋجۈن فوتوسى

  يىراقتىكى تاغ جىمجىت ئىدى، تاغلار بىلەن ئورىلىپ تۇرغان تاغلاق كەنتى خۇددى يۆگەكتىكى بالىغا ئوخشاش، تۇپراق ئانىنىڭ باغرىدا خاتىرجەم ئۇيقۇغا كەتكەنىدى.

گو يوۋجۈن فوتوسى

  دەرەخ شاخلىرىدىكى ئاق مەرۋايىتتەك كۆركەم قىروۋ گۈللىرى شەمشادنىڭ شاخلىرىنى قاپلىغانىدى. ئىككى-ئۈچ قىزىل تۈلكە ئورمانلىق ئارىسىدا خۇشال ئوينىشىۋاتاتتى.

گو يوۋجۈن فوتوسى

  قاردىن كېيىن ھاۋا ئېچىلىپ، ھەممە يەر كۈمۈش لىباسقا ئورالدى. قار ئۆيلەر كۆپكۆك ئاسمان ئاستىدا ئېرىنچەكلىك بىلەن ئاپتاپقا قاقلانماقتا ئىدى.

گو يوۋجۈن فوتوسى

  تاغلاق كەنتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، تاغلاق كەنتىدىكى يايلاق، ئورمانلىق، قارلىق تاغ خىيالىڭىزدا ئۈزلۈكسىز پەيدا بولىدۇ. تىيانشان باغرىدىكى بۇ پاكىز تۇپراق ھەربىر كىشىنىڭ ئارزۇسىنى ئۈن-تىنسىز خاتىرىلەيدۇ.

گو يوۋجۈن فوتوسى

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.