تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

يېزا- كەنت كەسىپلىرى گۈللەندى، مارالبېشى ناھىيەسىدە خۇاسەي يىغىلىۋاتىدۇ

  ھازىر، خۇاسەي پىشىپ بازارغا سېلىنىدىغان مەزگىل، مارالبېشى ناھىيەسى شامال يېزىسى تېرەك كەنتىدىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىسىنىڭ 58 كۆكتات پارنىكىدىكى خۇاسەيدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، زىيانسىز، سۈپىتى ياخشى خۇاسەي بازاردا قارشى ئېلىشقا ئېرىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى ياخشى يولغا ئايلاندى.

  11- ئاينىڭ 21- كۈنى، مارالبېشى ناھىيەسى شامال يېزىسى تېرەك كەنتىدىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىسىدا، قويۇق ئۆسكەن ياپيېشىل يوپۇرماقلار ئوراپ تۇرغان ئاپپاق، يۇمران خۇاسەيلەرگە نەزەر سالغاندا، كىشىنىڭ تولىمۇ مەسلىكىنى كەلتۈرەتتى. ھاۋانىڭ ئوچۇق ۋاقتىدا، ئىشچىلار يىغىش، ئۈزۈش، سېۋەتكە قاچىلاش، توشۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى.

  مارالبېشى ناھىيەسىدىكى كۆكتات كەسپى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى (1- قارارلىق)دىكى شىنجاڭ فۇباشياڭ دېھقانچىلىق مەيدانى چەكلىك شىركىتىنىڭ پارنىكقا مەسئۇل دېرىكتورى ۋېي جىنشيا مۇنداق دېدى: «بۇ يىل، بىز 58 پارنىكقا خۇاسەي تېرىدۇق، مو بېشىدىن ئىككى توننىدىن ئۈچ توننىغىچە ھوسۇل چىقتى، ھازىر بازاردا توپ سېتىش باھاسى ھەر كىلوگىرامىنىڭ ئۈچ يۈەندىن تۆت يۈەنگىچە بولۇۋاتىدۇ، خۇاسەينىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى مول بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.»

  ئىگىلىنىشىچە، خۇاسەينىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول، ئۆسۈش دەۋرى قىسقا، تېرىش ئۇسۇلى ئاددىي بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىقتىسادىي قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى. خۇاسەي تەركىبىدە ۋىتامىن C مىقدارى مول، دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، قارشىلىق كۈچىنى كۈچەيتىدۇ. پەرۋىش دەل جايىدا بولغانلىقتىن، پارنىكتا تېرىلغان خۇاسەيلەر ياخشى ئۆسۈپ، سۈپىتى ئەلا بولۇپ، ئەتراپتىكى نۇرغۇن خېرىدارنى كېلىپ سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى.

  مارالبېشى ناھىيەسى شامال يېزىسىدىكى خېرىدار نۇرئېلى ئەركىن مۇنداق دېدى: «مەن دائىم بۇ يەرگە كېلىپ خۇاسەي سېتىۋالىمەن، بۇ يەرنىڭ خۇاسىيى ئىنتايىن يېڭى، باھاسىمۇ ئىنتايىن مۇۋاپىق، بۈگۈن مەن 20 جىڭ خۇاسەي سېتىۋالدىم.»

  ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ راۋاجلىنىشى ئاز بولمىغان كەنت ئاھالىسىنى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئائىلە كىرىمىنى كۆپەيتىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى، يەنە كۆپچىلىكنىڭ بېيىش ئىشەنچىنى ئاشۇردى. ئوبۇلقاسىم تۇرغۇن تېخنىكلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە خۇاسەي پەرۋىش قىلدى، بۇ ئۇنىڭ كۆكتات پەرۋىش قىلىش تەجرىبىسىنى بېيىتىپلا قالماي، يەنە ئۇنى نۇرغۇن ئەمەلىي تېخنىكىنى ئۆگىنىۋېلىپ، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  مارالبېشى ناھىيەسى شامال يېزىسى تېرەك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئوبۇلقاسىم تۇرغۇن مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يەردە ئىككى يىلغا يېقىن خىزمەت قىلدىم، تېخنىكلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مەن كۆكتات تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالدىم، ھازىر ئايلىق مائاشىم 4000 يۈەن، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ.»

  مارالبېشى ناھىيەسى كۆكتات كەسپى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى (1- قارارلىق)دىكى شىنجاڭ فۇباشياڭ دېھقانچىلىق مەيدانى چەكلىك شىركىتىنىڭ پارنىكقا مەسئۇل دىرېكتورى ۋېي جىنشيا مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە بىزنىڭ كۆكتات تېرىش بازىمىزدا 96دىن 120 گىچە كىشى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى، 2000 ئادەم قېتىم پەسىل خاراكتېرلىك ئىشقا ئورۇنلاشتى. بىز ھەر پەسىلدە خىزمەتچىلەرنى كۆكتات تېرىش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەپ، كۆپچىلىكنىڭ بىرلىكتە بېيىش يولىغا ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز.»

  (ئىختىيارىي مۇخبىر: زۇلپىيە)

  پايدىلانغان مەنبە: مارالبېشى ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.