تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

بەش كىشىلىك پۇتبول دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى شىنجاڭلىق غەلىبە قازانغۇچىلار سىبادا كوماندىسى 2:13 نەتىجە بىلەن خۇلۇنبېر كوماندىسىنى يەڭدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خۇاڭ شىڭ) 11- ئاينىڭ 20- كۈنى، 2022- يىللىق جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ بەش كىشىلىك پۇتبول دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 3-، 4- باسقۇچلۇق مۇسابىقىسى شەندۇڭ بىڭجوۋدا باشلاندى. بۇ يىل ئەمدىلا بەش كىشىلىك پۇتبول دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىگە كىرگەن، 2021- يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى بەش كىشىلىك پۇتبول A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان شىنجاڭ سىبادا كوماندىسى 11- ئايلانما مۇسابىقىدە ئىككىگە قارشى 13 نەتىجە بىلەن خۇلۇنبېر قار بۆرىسى كوماندىسىنى يېڭىپ، ھازىر 10- ئورۇندا تۇرۇپ، كەينىدىكى جەنجياڭ رۈيخۇخۇ كوماندىسىدىن توققۇز نومۇر ئۇزاپ كەتتى، دەرىجە ساقلاپ قېلىش ۋەزىيىتى ناھايىتى ياخشى بولدى.

شىنجاڭ سىبادا كوماندىسى مۇسابىقىدىن كېيىن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ غەلىبىسىنى تەبرىكلىمەكتە. سۈرەتنى شياۋ شياۋ تەمىنلىگەن

«بىزنىڭ ئالدىنقى بىر نەچچە كوماندا بىلەن بولغان پەرقىمىز ناھايىتى چوڭ، بۇ مۇسابىقە پەسلىدە بىزنىڭ نىشانىمىز ئالدىنقى سەككىزنىڭ ئىچىگە كىرىپ، كېيىنكى مۇسابىقە پەسلىدە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلىش.» دېدى شىنجاڭ سىبادا پۇتبول كۇلۇبىنىڭ باش دىرېكتورى شياۋ شياۋ ئىشەنچكە تولغان ھالدا مۇخبىرغا.

شىنجاڭدا ھازىر ئىككى كەسپىي پۇتبول كوماندىسى بار، جۇڭگو A دەرىجىلىك پۇتبول كوماندىسى شىنجاڭ تىيانشان تاغ يىلپىزى كوماندىسى ۋە بەش كىشىلىك دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول كوماندىسى شىنجاڭ سىبادا كوماندىسى. شىنجاڭ سىبادا كوماندىسىنىڭ توپچىلىرى ئاساسلىقى شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن توپچى ئىلگىرى شىنجاڭ سىفەن داشۆسى ۋە شىنجاڭ يابېيشى پۇتبول كۇلۇبىغا ۋاكالىتەن بەش كىشىلىك پۇتبول A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى ۋە بەش كىشىلىك پۇتبول دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.

كوماندىدىكىلەر مۇسابىقىدىن بۇرۇن پۈتۈن كۈچى بىلەن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلاشتى. سۈرەتنى شياۋ شياۋ تەمىنلىگەن

3- باسقۇچلۇق مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ سىبادا كوماندىسى ئىزچىل شېنجېن قاتارلىق جايلاردا مەشىق ئېلىپ باردى، كوماندا بىر نەچچە يېڭى توپچىنى كىرگۈزدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيدانىدا، شىنجاڭ كوماندىسى ئالدى بىلەن توپ كىرگۈزدى، ناھايىتى تېزلا كوماندىنىڭ پۈتۈنلەي يېڭى سەپ شەكلىنىڭ ماسلىشىشى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، 13 توپ كىرگۈزدى.

«بۇ، بىزنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئەڭ ياخشى ئوينىغان بىر مەيدان مۇسابىقىمىز. بىراق، مۇسابىقە جەريانىدا، بىز يەنىلا بەزى ۋاراتارغا توپ ئۇرۇش پۇرسەتلىرىنى چىڭ تۇتالمىدۇق، يەنە بەزى سادىر قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان سەۋەنلىكلەرمۇ كۆرۈلدى، كوماندىنىڭ يەنە ناھايىتى چوڭ ئۆرلەش بوشلۇقى بار.» دېدى شياۋ شياۋ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.