تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئۇرۇقچىسى كىچىك، ئېتى قېلىن، ئاجايىپ تاتلىق! «جۇڭگو چىلان يۇرتى»دىن كەلگەن مەكىت كۈلرەڭ چىلىنىنى تېتىپ باقايلى

«كۈندە ئۈچ تال چىلان يېسىڭىز، ياشلىق باھارىڭىزنى ساقلاپ قالالايسىز»

بىر خىل چىلان بار

ئۇ «جۇڭگو چىلان يۇرتى» مەكىت ناھىيەسىدىن كەلگەن

يەكەن دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىپ

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ تۇپرىقىدا ئۆسكەن

ئۇرۇقچىسى كىچىك، ئېتى قېلىن، ئاجايىپ تاتلىق!

    مەكىت ناھىيەسى شىنجاڭنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان، جايلاشقان ئورنىنىڭ كەڭلىك گىرادۇستىكى ئورنى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق «سۈپەتلىك مېۋە- چىۋە رايونى بەلبېغى» يادرولۇق رايونىدا بولۇپ، بۇ يەردىن چىقىدىغان كۈلرەڭ چىلاننىڭ تەمى، سۈپىتى ئالاھىدە دەرىجىلىك، سۈپەت دەرىجىسى 1- دەرىجە، شۇنىڭ بىلەن بىللە تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق ئامىنو كىسلاتا، ۋىتامىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار مول، ئۆزگىچە تەمى بىلەن دۆلەت ئىچى- سىرتىدا ياخشى نامغا ئېرىشكەن بولۇپ، مەكىتنىڭ ئەڭ يارقىن يېزا ئىگىلىك كەسىپ ئىسىم كارتىسى.

مەكىت ناھىيەسى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتىغا تەۋە، كىلىماتى قۇرغاق، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى يېتەرلىك، كېچە- كۈندۈزلۈك ھاۋا تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، قىروۋسىز مەزگىلى ئۇزۇن بولۇپ، چىلاندا ئېرىشچان ماددىلارنىڭ شەكىللىنىشى ۋە قەنت تەركىبىنىڭ توپلىنىشىغا پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ناھىيەنىڭ ئۈچ تەرىپىنى قۇملۇق ئوراپ تۇرىدۇ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئاساسلىقى كوئىنلۇن تېغىدىكى قار سۈيىگە تايىنىدۇ، مۇھىتى بۇلغانمىغان.

مەكىت ناھىيەسىدە چىلان ئۆستۈرۈلگەن كۆلەم 560 مىڭ مو بولۇپ

پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەڭ چوڭ چىلان ئىشلەپچىقىرىش بازىسى

يىللىق ھوسۇلى 260 مىڭ توننىدىن ئاشىدۇ

پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ تەخمىنەن %20نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ

ئۇنى «جۇڭگو چىلان يۇرتى» دېگەن چىرايلىق نامغا ئىگە قىلغان

مەكىت كۈلرەڭ چىلىنىنىڭ ئېتى توق

سۈپىتى ياخشى، شېرىن، پۇراقلىق بولۇپ، ئوزۇقلۇق مىقدارى مول

بۇ مەكىتنىڭ سۈيى، تۇپرىقى، ھاۋاسى

ھەمدە ئىشچان مەكىتلىكلەر قان- تەرى بىلەن

تاۋلاپ چىققان تەم

شۇنداقلا بۇ يەنە مەكىت كۈلرەڭ چىلىنىنى

جۇڭگو كىلىمات ياخشى مەھسۇلاتى

دۆلەت جۇغراپىيەلىك بەلگە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى دېگەن ناملارغا ئېرىشتۈردى

ھەم مەكىت كۈلرەڭ چىلىنى داڭلىق ماركىسىنى ياراتتى

باھاردا چىلان چېچەكلىرى تۆكۈلەر كىيىمگە

يازدا كىرىپ چىلانلار ياپيېشىل تۈسكە

كۈزدە چىلان پۇرىقى بارار يۈرەككە

قىشتا چىلان چېيىدىن ھۇزۇر ئېلىپ ئوچاق ئالدىدا

مۇشۇنداق ئېسىل چىلان

يەنە مەكىتلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىنى

بېيىتتى، تاتلىق قىلدى، گۈزەللەشتۈردى

«ئۆستۈرگۈچى تېخنىكلار دائىم كەنتىمىزگە كېلىپ، بىزنىڭ پۇتاش، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق پەرۋىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بۇلتۇر، ئائىلىمىزنىڭ كۈلرەڭ چىلىنىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى تەخمىنەن 600 كىلوگىرام بولدى، پەقەت كۈلرەڭ چىلان ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ تۈردىلا 120 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدۇق.» دېدى مەكىت ناھىيەسى تۈمەنتال يېزىسى ياكۆل كەنتىدىكى چىلانچى ئابلىكىم ئايۇپ كۈلۈپ تۇرۇپ.

كۈلرەڭ چىلان ئۆستۈرۈش ئابلىكىم ئايۇپ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتتى، ھازىر ئۇلار ئىككى قەۋەتلىك بىنادا ئولتۇرىدۇ، كىچىك ئاپتوموبىلى بار، تۇرمۇشى ياخشى ئۆتۈۋاتىدۇ. ئابلىكىم ئايۇپ مۇنداق دېدى: «ھازىر، كەنتىمىزدە ھەممە ئائىلە چىرايلىق بېزەلگەن يېڭى ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ، ئاسفالت يول تەرەپ- تەرەپكە تۇتاشتى، ئۆيلەرنىڭ ئالدى- كەينىگە ھەر خىل مېۋىلىك دەرەخلەرنى تىكتۇق، گۈل تېرىدۇق... كۈلرەڭ چىلان ئۆستۈرۈشكە تايىنىپ، بىز ھاللىق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز.»

شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەكىت كۈلرەڭ چىلىنىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بايلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، مەكىت ناھىيەسى زور بىر تۈركۈم چىلان پىششىقلاش باشلامچى كارخانىلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە كىرگۈزۈپ، كۈلرەڭ چىلان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كەسىپ تەرەققىياتى نەتىجىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ناھىيەدە جەمئىي 39 يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاش كارخانىسى، 103 سوغۇق، يېڭى ساقلاش ئىسكىلاتى، 55 قاقلاپ قۇرۇتۇش ئۆيى بار بولۇپ، كۈلرەڭ چىلاننى جايىدا پىششىقلاپ ئايلاندۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈلرەڭ چىلان ئېكولوگىيەلىك زەنجىر ئايلانمىسى شەكىللەندۈرۈپ، چىلانچى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

پايدىلانغان مەنبە: مەكىت ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.