تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ تولى: شىتەيخۇا گۈلى قاردا پورەكلەپ ئېچىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياغقان بىر قېتىملىق قاردىن كېيىن، فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى تولى ناھىيەسى بارلۇق تېغىدا قاردا قەيسەرلىك بىلەن پورەكلەپ ئېچىلغان شىتەيخۇا گۈللىرىنى سۈرەتكە تارتتى.

  شىتەيخۇا گۈلى تاش گۈل دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئادەتتە تاغدىكى تاشلاردا ئۆسىدۇ، كۆپىنچە يېشىل، قىزىل، سېرىق رەڭدە بولۇپ، يىراقتىن قارىماققا قورام تاش ئۈستىدە پەيدا بولۇپ قالغان «دات»قىلا ئوخشايدۇ. «ئوت-چۆپ، دەل-دەرەخلەر قامۇسى»دە خاتىرىلىنىشىچە، شىتەيخۇا گۈلىنى قان تولۇقلاپ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەر قايتۇرۇش، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش دورىسى قىلىشقا بولىدىكەن.

  ئاپتور: چاڭ دىيەنشۆ

  ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: تولى ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

  مەنبە: تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.