تىيانشان تورى خەۋىرى-11 ئاينىڭ 17-كۈنى، قاتتىق قار لەپىلدەپ يېغىپ، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىدىكى نارات يايلىقى ئاپئاق قار بىلەن قاپلاندى، ھەممە يەر كۈمۈش لىباسقا ئورىلىپ، خۇددى چۆچەكلەر دۇنياسىغا ئوخشاپ قالغانىدى. قار-شىۋىرغاندا قوي پادىلىرى، ئات توپى، چارۋىچىلار، توغراقلار، ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇلىرى، قارلىق تاغ خۇددى پارچە-پارچە سىياھ رەسىمگە ئوخشاپ قالغان بولۇپ، بۇ گۈزەل مەنزىرە دەل ناراتنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان تەبىئىي مەنزىرىسى ئىدى.
(ئاپتورلار: جاڭ ۋېنتىڭ، ياڭ شياۋچيەن، شياۋ يىخۇڭ، لى جىنۋېي
ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: كۈنەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)