تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

«ئاز ئۇچرايدىغان مېھمان» «دائىملىق مېھمان»غا ئايلاندى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ ياۋايى ھايۋانلار ئارقا- ئارقىدىن پەيدا بولدى

«قاراڭ، بۇ جەرەنلەر ئاز دېگەندىمۇ ئون نەچچىگە بارىدۇ، دائىم كەنت ئەتراپىغا كېلىپ يەم ئىزدەيدۇ.» 11- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يېڭىئاۋات يېزىسىنىڭ يېڭىئات كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى ئەخەت پەرھاد 200 مېتىر يىراقلىقتىكى بىر پارچە ئوتلاقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى، بىر توپ ياۋا جەرەن بەخىرامان ئايلىنىپ يۈرەتتى.

     «بۇ ئىككى يىلدا، ھەر كۈنى دېگۈدەك جەرەن قاتارلىق دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلار تاغدىن چۈشۈپ، كەنت ئەتراپىدىن يەم ئىزدەۋاتىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا نەچچە ئونى چۈشىدۇ.» دېدى ئەخەت.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى جۈرئەت ئابدۇراخمان تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جەرەن دۆلەت تەرىپىدىن 1- دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان، ئاساسلىقى چۆللۈك، يېرىم چۆللۈك قاتارلىق جايلاردا ياشايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى ۋە كىشىلەرنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ئېڭىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، جەرەن، بۆكەن، تۈلكە، ئۇلار قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلارنى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدىغان بولدى.

     ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە توپ- توپ جەرەنلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياۋايى ھايۋانلارنىڭ كۆپلەپ پەيدا بولغانلىقىنىڭ بىر كارتىنىسى. كۇچا شەھىرى، شايار ناھىيەسىنىڭ توغراقلىق رايونىدا ئىلگىرى تارىم بۇغىسى، ئونسۇ ناھىيەسى تەۋەسىدىكى تۆمۈر چوققىسى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا قوڭۇر ئېيىق، يىلپىزنىڭ سىيماسى، باي ناھىيەسىدە كۈل رەڭ تۇرنا، تاغ ئۆچكىسى قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار پەيدا بولغان.

     تارىم بۇغىسى دۆلەت تەرىپىدىن 2- دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان بولۇپ، ئىلگىرى ۋىلايەتلىك توغراق ئورمان رايونىدا ئۇنىڭ سىيماسىنى تەستە ئۇچراتقىلى بولاتتى. بۇ بىر قانچە يىلدا، بىر قاتار ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، تارىم بۇغىسى تەدرىجىي كىشىلەرنىڭ كۆرۈش دائىرىسىدە پەيدا بولدى. بۇ يىل 3- ئايدا، كۇچا شەھىرى تەۋەسىدىكى توغراقلىق رايونىدا 17 تارىم بۇغىسىنىڭ بىرلىكتە يەم ئىزدەۋاتقان كۆرۈنۈشى پەيدا بولدى، بۇ شۇنداقلا تارىم بۇغىسى پادىسىنىڭ تۇنجى قېتىم سۈرەتكە ئېلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.

     بۇ يىل 5- ئايدا، ئونسۇ ناھىيەسى تەۋەسىدە 20دىن ئارتۇق ئاق بوغۇز بۆكەننىڭ پاقىلىق مەنزىرە رايونىدا پەيدا بولغانلىقى بايقالدى ھەم سۈرەتكە ئېلىندى، يەنە بوزدۆڭ قىرغىز يېزىسىدا 30دىن ئارتۇق ياۋا توڭگۇزنىڭ قاردا ئۇچقاندەك چېپىۋاتقان كۆرۈنۈشى سۈرەتكە ئېلىندى.

مۇھىت ياخشىلاندى، ياۋايى ھايۋانلار كۆپەيدى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەسلىگە كەلدى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ نىڭ مۇنداق دېدى: «ياۋايى ھايۋانلارنىڭ كۆپلەپ پەيدا بولۇشى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى سىجىل قانات يايدۇرغانلىقى ۋە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ياۋايى ھايۋانلار ھەم ئۇلارنىڭ ماكانىنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدىن بولدى، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش تەشۋىقات سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتقانلىقتىن، ئىلگىرىكى <ئاز ئۇچرايدىغان مېھمان> بۈگۈنكى كۈندە <دائىملىق مېھمان>غا ئايلاندى.»

     جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئىنسانلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىشتا تايىنىدىغان ئاساس، يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنىڭ جان تومۇرى ۋە ئۇلى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلىيەتتە چوڭقۇر كۆرسىتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، قۇملىشىپ كەتكەن يەرلەرنى تىزگىنلەپ، ئورمان كۆلىمىنى ئاشۇرۇپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك سۇلۇق يەر كۆلىمىنى كېڭەيتتى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەتىۋارلىق قۇش ۋە ياۋايى ھايۋانلار توپ- توپ پەيدا بولدى.

     ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ياۋايى ھايۋاناتلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە ئاشقان، ھازىر سۇلۇق يەردىكى ياۋايى ھايۋان 270 خىلغا يەتكەن، ياۋا ئۆسۈملۈك 520 خىلدىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت تەرىپىدىن 1- دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان 16 خىلغا، دۆلەت تەرىپىدىن 2- دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان 54 خىلغا يەتكەن.

(ئىختىيارىي مۇخبىرلار ليۇ خۇڭۋېن، ئابدۇسالام، جۇ خۇڭشياڭ)

پايدىلانغان مەنبە: ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.