تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا 152 تۇرۇبا سۇيى زاۋۇتى، 166 تەبىئىي گاز تىجارەت كارخانىسى، 231 ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىسى نورمال يۈرۈشىۋاتىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇ لۇپىڭ) 11- ئاينىڭ 17- كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى لى لىنيۈ مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

بۇ نۆۋەتلىك يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارماقلىرى، شۇنداقلا شەھەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەش، گاز بىلەن تەمىنلەش، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق شەھەر ئىشلىرى تىجارەت كارخانىلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ سۇ، گاز، ئىسسىقلىق قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىپ، كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش سالمىقىنى زورايتىپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى.

شەھەرنى سۇ، گاز، ئىسسىقلىق بىلەن بىخەتەر، مۇقىم تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. مەسئۇل تارماقلار قەرەللىك ئورۇنلاشتۇردى، كارخانىلار ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈشىنى ئاسراشنى كۈچەيتىپ، خادىملارنىڭ نۆۋەتچىلىك قىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، 24 سائەت ئىش ئورنىدا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش قوشۇنىنى تولۇق سەپلەپ، كۈچلۈك سەپلەپ، تاسادىپىي ئەھۋاللارغا ۋاقتىدا تاقابىل تۇردى ۋە بىر تەرەپ قىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا 152 شەھەر- بازار تۇرۇبا سۈيى زاۋۇتى، 166 شەھەر- بازار تەبىئىي گاز تىجارەت كارخانىسى، 231 شەھەر- بازار ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىسىنىڭ ھەممىسى نورمال يۈرۈشتى، 46 مىڭدىن ئارتۇق شەھەر ئىشلىرى ئاممىۋى كەسىپ كادىر، ئىشچى- خىزمەتچىسى خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، شەھەرنىڭ بىخەتەر يۈرۈشۈشىدىكى «ھاياتلىق لىنىيەسى»نى قوغدىدى. شەھەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە، سۇ زاۋۇتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، سۇ سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش قېتىم سانى ۋە سالمىقىنى كۈچەيتىپ، بىر تەرەپ قىلىنمىغان سۇ، تۇرۇبا تورى سۈيى، زاۋۇتتىن چىققان سۇنىڭ سۇ سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەشنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى. شەھەرنى گاز بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە، يېقىلغۇ گاز بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ تۈزەشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، يېقىلغۇ گاز تۇرۇبا يولى، ئەسلىھەلىرىنى چارلاپ تەكشۈرۈش، كۆزىتىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى ۋاقتىدا يوقىتىپ، گاز بىلەن بىخەتەر، مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى. شەھەرنى مەركەزلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن پائال بىرلىشىپ، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەشتەك ھاۋا رايى، سوغۇق ئېقىم قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇپ، ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ئېنېرگىيە زاپىسى، ئەسلىھەلەرنىڭ يۈرۈشۈش، ئاممىنىڭ ئىلتىماس- تەلىپىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى دەل جايىدا ئىگىلىدى، بۇ يىل قىش كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى، قاراماي شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى قاتارلىق جايلار بىردەك مۇددەتتىن بۇرۇن ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئاممىنىڭ پار ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتىكى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش سورۇنلىرى قاتارلىقلارنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى جايلاردىكى سۇ بىلەن تەمىنلەش، گاز بىلەن تەمىنلەش، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش مەسئۇل تارماقلىرى يۇقىرى سورۇنلارنىڭ ئەتراپىدىكى تۇرۇبا لىنىيەسى، ئەسلىھەلەرنى چارلاپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك تاسادىپىي، جىددىي ۋەقەلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلدى.

مۇلازىمەت سۈپىتىنى سىجىل ئۆستۈردى. دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئۆلچەم تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەرنىڭ سۇ، گاز، ئىسسىقلىق مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جانلىق، كۆپ خىل مۇلازىمەت شەكلىنى قوللىنىپ، مۇلازىمەتنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، خەلققە قولاي بولۇشىنى ساقلىدى. سۇ بىلەن تەمىنلەش، گاز بىلەن تەمىنلەش تىجارەت كارخانىلىرىنىڭ مەھەللە، خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرى بىلەن ماسلىشىشى، ھەمتۈرتكە بولۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، توردا ھەق تاپشۇرۇش، مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى، خوجىلىق مۇلازىمەت خادىملىرى ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئامما ئىنكاس قىلغان سۇ بىلەن تەمىنلەش، گاز بىلەن تەمىنلەشتىكى ھەق تاپشۇرۇش، رېمونت قىلىشنى مەلۇم قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلدى. تېلېفون، تور قاتارلىق مۇلازىمەت يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئامما ئىنكاس قىلغان قىيىن مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىپ، ئالاقىدار تەكلىپ، ئىلتىماس- تەلەپلەرنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئەھۋالدىن بالدۇر خەۋەردار بولۇش، بالدۇر بىر تەرەپ قىلىش، بالدۇر ھەل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ قىشنى ئىللىق ئۆتكۈزۈش تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلىدى.

كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈردى. «ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىقتىسادنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى بىرقانچە تەدبىرى»نى تۈزۈپ بېسىپ تارقىتىپ، يۇقۇم تەسىرىگە ئۇچراپ ۋاقتىنچە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىدە قىيىنچىلىق كۆرۈلگەن كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا- سانائەتچىلەرگە قارىتا، سۇ بىلەن تەمىنلەش، گاز بىلەن تەمىنلەشتە «ھەق تۆلەش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسىمۇ تەمىنلەشنى توختاتماسلىق» سىياسەت تەدبىرىنى ئىنچىكە يولغا قويۇپ، ھەقنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش مۇددىتى تەسىس قىلدى، دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، ھازىرغا قەدەر، سۇ بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە، ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەر جەمئىي 50 مىڭدىن ئارتۇق كىچىك، ئۇششاق كارخانا ۋە يەككە سودا- سانائەتچىگە نەپ يەتكۈزۈپ، 325 مىليون يۈەن سۇ ھەققىنى تاپشۇرۇشنى كېچىكتۈرگەن؛ گاز بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە، جەمئىي 28 مىڭ 600 كىچىك، ئۇششاق كارخانا ۋە يەككە سودا- سانائەتچىگە نەپ يەتكۈزۈپ، 287 مىليون يۈەن گاز ھەققىنى تاپشۇرۇشنى كېچىكتۈرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.