تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

قۇتۇبى: خاس تۆگە باقمىچىلىقى بىلەن بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش

 

 11-ئاينىڭ 5-كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسى ۋۇگۇڭتەي بازىرى ۋۇگۇڭتەي كەنتىدىكى تۆگە باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئۇلاربېك بايمولا تۆگە قوتىنىدا تۆگىلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزەتمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇتۇبى ناھىيەسى دېھقان - چارۋىچىلارنى ئىدىيەۋى قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە پائال يېتەكلەپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى كۈچەپ تەڭشەپ، تۆگە كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشنى يەرلىك خاس كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى قىلدى.

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ جۈنۋېي

  سۈرەتتە ئۇلاربېك بايمولا تۆگىلەرگە يەم-خەشەك بەرمەكتە. ئۇ بۇ يىل 25 تۆگە باققان بولۇپ، تۆگە سۈتى سېتىش ئارقىلىق يىلىغا 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدۇ. نۆۋەتتە، ۋۇگۇڭتەي بازىرىدا تۆگە باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن ئىككىسى بار بولۇپ، بېقىلىۋاتقان تۆگە 1100 دىن ئاشىدۇ.

  ئۇلاربېك بايمولا ساغقان تۆگە سۈتىنى سۈت كوزىسىغا تۆكمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.