تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

كېرىيە ناھىيەسى تيەنجىن سانائەت رايونى: سېخلاردا ئىشلەپچىقىرىش ئالدىراش داۋاملاشتى، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشى كاپالەتكە ئىگە بولدى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسى تيەنجىن سانائەت باغچە رايونىدىكى ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىدا، ئىشچىلار ئۆز ئىش ئورنىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتقان بولۇپ، باغچە رايونىدا قاينام- تاشقىنلىق مەنزىرە بارلىققا كەلدى. بۇ باغچە رايونىدا 89 كارخانا بار بولۇپ، شۇ جايدىكى 9000غا يېقىن كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. 11- ئاينىڭ 8- كۈنى، بۇ باغچە رايونىدىكى شىنجاڭ شىنداچېڭ مۇھاپىزەت بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار نۇر قايتۇرغۇچلۇق مامۇق كىيىمنى ئۈلگۈرتۈش ئۈچۈن ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. (ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ خۇڭخۇي)

كېرىيە ناھىيەسى تيەنجىن سانائەت باغچە رايونىدىكى شىنجاڭ يۇڭلى كىيىم- كېچەك زاۋۇتى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار ئالدىراش خىزمەت قىلماقتا.

بۇ باغچە رايونىدىكى شىنجاڭ خەيما ئاياغچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار ئاياغ تىكمەكتە.

بۇ باغچە رايونىدىكى شىنجاڭ خۇڭرۇڭ يېنىك سانائەت چەكلىك شىركىتىنىڭ ئوراش- قاچىلاش سېخىدا، ئىشچى سۈپەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن كىيىم- كېچەكلەرنى ئوراپ- قاچىلىماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.