تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇرلۇقتىكى تىرىليون كۇب مېتىرلىق چوڭ گازلىق رايونىدا جەمئىي 200 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ سىمىن خەۋەر قىلىدۇ: 11 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنىگىچە، تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشتىكى ئاساسلىق تەبىئىي گاز مەنبە رايونى − تارىم نېفىتلىكى كېلا _ كېشېن تىرىليون كۇب مېتىرلىق چوڭ گازلىق رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان تەبىئىي گاز جەمئىي 200 مىليارد 591 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، بۇ، 181 مىليون توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرگە، شۇنداقلا 197 مىليون توننا كاربونⅣ ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەرگەنگە باراۋەر.

كېلا _ كېشېن گازلىق رايونى دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇرلۇقتىكى تىرىليون كۇب مېتىرلىق چوڭ گازلىق رايونى. بۇ يىل تارىم نېفىتلىكى كېلا 2 گازلىقىنى ئېچىش، تەڭشەش ۋە كېشېن گازلىقىدىن 10 مىليارد كۇب مېتىر مۇقىم گاز ئېلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش «ئىشەنچ»ىنى پۇختىلىدى. كېلا _ كېشېن گازلىق رايونىدا ئومۇمىي مەھسۇلاتى 10 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشىدىغان ئالتە گاز قۇدۇقى، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 1 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشىدىغان 17 گاز قۇدۇقى بارلىققا كەلدى.

بۇ قېتىم يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، بولۇپمۇ قىش پەسلى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، تارىم نېفىتلىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇردى، كېلا _ كېشېن گاز رايونى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش بويىچە ھەر كۈنى تۆۋەن ئېقىنغا 45 مىليون كۇب مېتىردىن ئارتۇق تەبىئىي گاز يەتكۈزۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي قىسىم رايونلىرىنىڭ ئېنېرگىيە ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، تەڭشەشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.

كېلا _ كېشېن گاز رايونى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، يەر ئاستى قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ، گاز زاپىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 4500 مېتىردىن 8100 مېتىرغىچە كېلىدۇ. تارىم نېفىتلىكى ئاساس گېئولوگىيە نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە قۇرۇلۇش تېخنىكىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق تەبىئىي گازنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېچىش ئەندىزىسى ۋە 8000 مېتىر دەرىجىلىك ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر، ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق گاز زاپىسىنى ئېچىشنىڭ يۈرۈشلۈك تېخنىكا سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەبىئىي گازنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېچىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى − كېلا 2 گازلىقى، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى يىلىغا 10 مىليارد كۇب مېتىر ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلاملىق ئۇۋۇندى جىنىس گازلىقى − كېشېن گازلىقى، دۆلىتىمىز قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ چوڭقۇر گازلىق − كېشېن 9 گازلىقى قاتارلىق «جۇڭگو چوڭقۇرلۇقى» كوردىناتىنى ئاچتى.

كېلا − كېشېن گاز رايونىنىڭ كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىشىنى چۆرىدەپ، تارىم نېفىتلىكى يېڭى رايوندا يۇقىرى ئۈنۈملۈك قۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش، ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر، ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق گاز زاپىسىدا سۇنى تىزگىنلەش، تەبىئىي گازنى بىر تەرەپ قىلىش قۇرۇلمىسىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىنى تۇتقا قىلىپ، ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر، ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق گازلىقنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، باشقۇرۇش تېخنىكىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىنى يېشىل ئېنېرگىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.