تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى ئون ئايدا ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ چىققان نۆۋەتچى پويىز بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7 ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، ئالاتاۋ تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ چىققان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 5193 قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7 ئاشقان.

بۇ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى ھاۋا تىرانسپورتى، دېڭىز تىرانسپورتىنىڭ بىر قىسىم مال مەنبەسىنى ئۈستىگە ئالدى، بۇنىڭ بىلەن نۆۋەتچى پويىزنىڭ قاتنىشى ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە ئاشتى. دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى جايلار جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ۋاسىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، نۆۋەتچى پويىزنىڭ قاتناش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، نۆۋەتچى پويىزنىڭ قاتناش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، نۆۋەتچى پويىزنىڭ قاتناش قېتىم سانىنى سىجىل ئاشۇردى. ئالاتاۋ پورتى جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى غەربكە قاتنايدىغان مۇھىم يوللارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ پورت ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ چىقىدىغان نۆۋەتچى پويىزنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىرقەدەر تېز بولدى.

«بىز سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، تىرانسپورتنى تەشكىللەشنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ قوماندانلىق قىلىشنى يولغا قويۇپ، ۋوگزال، مەيدان، لىنىيەدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، نۆۋەتچى پويىزلارغا ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش، كۈتۈۋېلىش - يولغا سېلىش مەشغۇلاتىنى تەكشى تەشكىللەپ، جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى يولىنىڭ بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى ئالاتاۋ ۋوگزالى تىجارەت باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى يەن خۇاپېڭ.

ئالاتاۋ ۋوگزالى ئايلانما پويىزنىڭ توشۇشىنى تەشكىللەش ھەم كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى نەقلەشتۈرۈشنى چىڭ كۆزلەپ، رايونلار ئارا توشۇش كۈچىنى تولۇق قېزىپ ۋە پايدىلىنىپ، بېلەت چىقىرىپ يەتكۈزۈش ھەم ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، ۋاگون ئوبوروتى ۋە بوش ۋاگونلارنى ئىشلىتىشنى تېزلىتىپ، تاموژنىغا مەلۇم قىلىپ تەكشۈرۈش، لىنىيەنى تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، ۋاگون ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش قاتارلىق ھالقىلارنى يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو - قازاقىستان تۆمۈريولى «ئىناۋەتلىك ئۆتكۈزۈپ بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىش» «رەقەملىك پورت» خەلقئارا بىرلەشمە تىرانسپورت قەغەزسىز سىستېمىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، نۆۋەتچى پويىزنى بىر پونكىت شەكلىدىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ قاتناش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇپ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئالاتاۋ تاموژنىسى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاددىيلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، «تۆمۈريولدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش» ئىلتىماس قىلىش ئەندىزىسىنى پائال كېڭەيتىپ، نۆۋەتچى پويىزنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتىنى قىسقارتتى؛ قايتقان نۆۋەتچى پويىزغا قارىتا «ئالدىن ۋاگون تەلەپ قىلىش، مال كەلگەن ھامان ئالماشتۇرۇش»نى يولغا قويۇپ، نۆۋەتچى پويىزنى توشۇشقا تەشكىللەش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇشقا كۈچ قوشتى؛ جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى مەخسۇس كۆزنىكى تەسىس قىلىپ، يېشىل يول ئېچىپ، ئىمپورت - ئېكسپورت نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تاموژنىدىن تېز ئۆتۈشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

نۆۋەتتە، ئالاتاۋ تۆمۈريول پورتىدىن ئۆتىدىغان نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى 91گە يەتكەن بولۇپ، 18 دۆلەتكە بارغىلى بولىدۇ، توشۇلىدىغان مال تۈرى 200 خىلدىن ئاشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.