تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىق! شىنجاڭ تىيانشان كەسپىي تېخنىكا داشۆسى 1300 ئوقۇغۇچىغا ھەقسىز پاختىلىق كىيىم تارقىتىپ بەردى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جيا چۇنشيا) 11- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئۈرۈمچىدە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىدى، شىنجاڭ تىيانشان كەسپىي تېخنىكا داشۆسىنىڭ مەكتەپتە تۇرۇپ قالغان 1300 ئوقۇغۇچىسى مەكتەپ ھەقسىز تارقاتقان سوغۇقتىن ساقلاش پاختىلىق كىيىمىنى قوبۇل قىلدى. بۇ ئىللىق ھەرىكەت نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ۋە ئائىلە باشلىقىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. 

ئوقۇغۇچىلار يېڭى پاختىلىق كىيىمنى كىيىپ، قەلبى ئىللىدى ھەم بەدىنى ئىسسىدى. سۈرەتنى شىنجاڭ تىيانشان كەسپىي تېخنىكا داشۆسى تەمىنلىگەن

   شىنجاڭ تىيانشان كەسپىي تېخنىكا داشۆسىنىڭ قۇرغۇچىسى، مەكتەپ مۇدىرى لاڭ تاۋ مۇنداق دېدى: ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ، سوغۇقتىن ساقلاش پاختىلىق كىيىمى ئېلىۋالمىغان نۇرغۇن ئوقۇغۇچى قانداق قىلارىنى بىلەلمەي قالدى، نۇرغۇن ساۋاقداش سوغۇقتىن ساقلايدىغان كىيىمىنى تەييارلىيالماي قالدى. بۇ ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، مەكتەپ مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، مەخسۇس پۇل ئاجرىتىپ، ۋاقتىدا ئىستاتىستىكا قىلىپ، پاختىلىق كىيىمنى سېتىۋېلىپ، يۆتكەپ- توشۇپ، 1- ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىغا تارقىتىپ بېرىشنى قارار قىلدى، «پاختىلىق كىيىملەر مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەلىپى بويىچە ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيە قىلىندى، ھازىر ھەممىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىغا بىخەتەر تارقىتىپ بېرىلدى.»  

   «ئۈرۈمچى شەھىرى تىمتاس باشقۇرۇشنى يولغا قويغاندىن بۇيان، مەكتەپ بىزنى ئۈچ ۋاق تاماق، مېۋە قاتارلىقلار بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى، يەنە بىزگە ئىسسىقلىق ساقلاش ئىچ كىيىمى ۋە سوغۇقتىن ساقلاش پاختىلىق كىيىمىنى ھەقسىز تارقىتىپ بەردى، بۇ ئىللىق ھەرىكەت يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى مەكتەپ ھويلىسى ئىچىگە ھېسابسىز ئىللىقلىق ۋە كۈچ قوشتى، شۇنداقلا بىزنىڭ <يۇقۇم>غا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇردى.» دېدى بۇ مەكتەپنىڭ ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش شۆيۈەنى 2021- يىللىق ئالىي كەسپىي خوجىلىق باشقۇرۇش كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ھاجىگۈل ئوبۇل. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى