تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

«كۆكتات» ئارقىلىق ئىللىقلىق يەتكۈزۈلدى، مېھىر-شەپقەت كارخانىسى قىلغان ئىئانە ئاھالىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ شى

  «كۆكتات خالتىسىنى تاپشۇرۇۋالدىم، قەلبىم ئىللىپ كەتتى!» «ۋىرۇس رەھىمسىز بولسىمۇ، كىشىلەر ئارىسىدا مۇھەببەت بار! » «كۆكتاتلار يېڭى، ماسلاشتۇرۇلۇشىمۇ مۇۋاپىق ئىكەن، كۆپ رەھمەت!» 11-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) جۇڭيا جەنۇبىي يولى كوچا باشقارمىسى پۇدۇڭ كوچىسى مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر ئىئانە قىلىنغان كۆكتات خالتىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بەس-بەستە سۈرەتكە تارتىپ، سىنغا ئېلىپ، ھەرقايسى ئالاقە سۇپىلىرىدا مەھەللە كادىرلىرى ۋە مېھىر-شەپقەت كارخانىسىغا بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

  11- ئاينىڭ 7- كۈنى، مېھىر-شەپقەت كارخانىسى شىنجاڭ غەربىي بازار خەلقئارا مال سېتىۋېلىش مەركىزى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى ئىئانە قىلىدىغان كۆكتات خالتىلىرىنى يۆتكەپ توشۇماقتا.

  جاۋ نىڭشى فوتوسى

  شۇ كۈنى ئەتىگەندە، 200 كۆكتات خالتىسى قاچىلانغان ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەش ئاپتوموبىلى جۇڭيا جەنۇبىي يولى كوچا باشقارمىسىدىكى ھەرقايسى ئولتۇراق رايونلارغا كىردى، بۇ ،تەۋەلىكتىكى كارخانا — شىنجاڭ غەربىي بازار خەلقئارا مال سېتىۋېلىش مەركىزى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى مېيىپلەر ۋە يۇقىرى ياشتىكى ياشانغانلارغا ئىئانە قىلغان كۆكتات خالتىسى. «نۆۋەتتىكى يۇقۇم ۋەزىيىتىدە، كارخانىمىزنىڭ جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا ئازراق بولسىمۇ تۆھپە قوشۇش مەجبۇرىيىتى بار» دېدى بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى ليۇ ۋېيگو.

  11-ئاينىڭ 7- كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) جۇڭيا جەنۇبىي يولى كوچا باشقارمىسى پۇدۇڭ كوچىسى مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى كۆكتات خالتىلىرىنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرمەكتە.

  جاۋ نىڭشى فوتوسى

  «مېھىرى-شەپقەت كارخانىسىنىڭ كۆكتات خالتىسى ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، مەھەللىمىز دەرھال تىزىملىك تۇرغۇزۇپ، ھەربىر مېيىپ ۋە يۇقىرى ياشتىكى ياشانغان كىشىگە كۆكتات خالتىسى يەتكۈزۈپ بېرىشكە تىرىشتۇق» دېدى جۇڭيا جەنۇبىي يولى كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، پۇدۇڭ كوچىسى مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ نىڭشى، بۇ كوچا باشقارمىسى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش، كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىپ، «قۇتقۇزۇشقا تېگىشلىكلىرىنى جەزمەن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىگە ياردەم بېرىش»نى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىدى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، پۇدۇڭ كوچىسى مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر تاپشۇرۇۋالغان كۆكتات خالتىسىدا بەسەي، لازا، شوخلا، سەۋزە، شاڭخەيچىڭ، ليەنخۇابەي قاتارلىق 13 خىل يېڭى كۆكتات بار ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.