تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

بىر نىيەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرايلى ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭەيلى | باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىپ ئاممىنىڭ ئىشىنى كۆڭلىگە پۈكۈش

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ يۆ خەۋەر قىلىدۇ) «باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىپ، ئاممىنىڭ ئىشىنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈشىمىز كېرەك» دېدى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ جېڭياڭ يولى كوچا باشقارمىسى دۇڭرۇڭ كوچىسى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى پاڭ گودى.

  11-ئاينىڭ 7-كۈنى، پاڭ گودى ئاھالىلەرگە بەسەي تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بەرمەكتە.

  رەسىمنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن

  بۇ بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، دۇڭرۇڭ كوچىسى مەھەللىسى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بىلەن قول تۇتۇشۇپ بىر قىسىم ئاھالىلەرگە «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كۆكتاتى» «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش گۈرۈچ، ئۇنلىرى» قاتارلىقلارنى يەتكۈزۈپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاھالىلەرنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، دورا سېتىۋېلىش قاتارلىق ئاز بولمىغان ئىلتىماس-تەلەپلىرىنى ياردەم قىلىپ ھەل قىلدى .

  «ئەكېلىپ بەرگەن كۆكتات ۋە گۈرۈچلەرنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ئىللىپ قالدى.» يېقىندا، دۇڭرۇڭ كوچىسى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى لى يەن مەھەللە ئەكەلگەن گۈرۈچ، ئۇن ۋە كۆكتاتلارنى تاپشۇرۇۋالدى.

  ھازىر، دۇڭرۇڭ كوچىسى مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ چاقىرىقى بىلەن، مەھەللە ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى 16 ئائىلىلىك 53 نەپەر تۆۋەن كاپالەتلىك ئاھالە، قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلار، تۇرمۇشتا ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كۆكتاتى» «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش گۈرۈچ، ئۇنلىرى»نى تارقىتىپ بېرىپ، قىممىتى جەمئىي 1350 يۈەنلىك ھال سوراش بۇيۇمى يەتكۈزدى.

  11-ئاينىڭ 4-كۈنى، مەھەللىدىكى ئاھالە پېڭ چىڭشەننىڭ تۇيۇقسىز بېلى ئاغرىپ ئورنىدىن تۇرالماي قالدى، ئۇنىڭ خوتۇنى گو لېي مىدۇڭ رايونىدا چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقاچقا، پاڭ گودىدىن ياردەم سوراپ تېلېفون ئۇردى. پاڭ گودى ئىككى پىدائىي بىلەن يول بويى يۈگۈرۈپ پېڭ چىڭشەننىڭ ئۆيىگە باردى، بېلى ئاغرىپ يەردە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ قالغان پېڭ چىڭشەننى يۆلەپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ، دەرھال 120 جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بىلەن ئالاقىلەشتى.

  پاڭ گودى پېڭ چىڭشەنگە ياردەملىشىپ كىيىم-كېچەك ۋە يۇيۇش-چايقاش بۇيۇملىرىنى يىغىشتۇرۇپ بەردى، 120 جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىر نەچچەيلەن ئۇنى ئاپتوموبىلغا چىقىرىپ قويدى. ھازىر، پېڭ چىڭشەن شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىدا كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالىمۇ تۇراقلاشتى.

  «مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە ۋە پىدائىيلارغا كۆپ رەھمەت» دېدى گو لېي، ئۇ ئولتۇراق رايوننىڭ ئاھالىلەر توپىدا پاڭ گودى شۇجىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى كۆرۈپ ساقلىۋالغانىدى، ئويلىمىغان يەردىن بۇ قېتىم جىددىي ۋاقىتتا ئەسقاتتى.

  بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، ئاھالە خۇي فېڭلۇڭ پاڭ گودىغا بىر ئۇچۇر يوللىدى، ئۇچۇرىدا ئۆزى تېرىغان 150 مو يەردىكى 200 توننىدىن ئارتۇق زىيانسىز بەسەينى يۇقۇم سەۋەبلىك ساتالمىغانلىقىنى ئېيتىپ، ياردەم تەلەپ قىلدى. پاڭ گودى دەرھال ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكى ۋە تەۋەلىكتىكى ئىككى ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر توپىغا ئۇچۇر يوللىدى، بۇنىڭ بىلەن خۇي فېڭلۇڭ ئارقا-ئارقىدىن نۇرغۇن كۆكتات زاكاز قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدى.

  «بەش- ئالتە توننا سېتىپ بولدۇم، ئېشىپ قالغان بەسەيلەر يەنە بىرنەچچە كۈندىلا سېتىلىپ بولىدۇ» دېدى خۇي فېڭلۇڭ.

  «ھەر كۈنى ئاھالىلەرنىڭ تۈرلۈك ياردەم سوراش تېلېفونىنى قوبۇل قىلىمىز، چامىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشىپ، ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر <ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان> مەسىلىلەرنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىمىز. ھازىر مەھەللە ۋە خىزمەت ئەترىتى ئاھالىلەرنىڭ 100دىن ئارتۇق قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس-تەلىپىنى ھەل قىلدۇق» دېدى پاڭ گودى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.