ئالتۇن كۈزدىكى 10-ئايدا، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى تولى ناھىيەسى ئېكولوگىيە باغچىسىغا كىرگىنىڭىزدە، گۈزەل كۈز مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. باغچىدا سەيلە قىلغىنىڭىزدە، ھەممىلا يەردە ئالتۇن رەڭ، قىزغۇچ سېرىق رەڭ، ياپيېشىل رەڭلەر بېرىكىپ گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلغان بولۇپ، كىشىگە خۇش كەيپىيات بېغىشلايدۇ.
تولى ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى جەمئىيەت تەرەققىياتقا سىڭدۈردى. بۈگۈنكى كۈندە تولى ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى يېزا-كەنتلىرىدە خەلق باي، كەنت گۈزەل بولۇپ، مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل.
(ئاپتور: ۋاڭ شۈدۇڭ، ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: تولى ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)