تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

مېنىڭ ئىسمىم ئانار | ئانار ئۆستۈرۈش چوڭ ئائىلىسى: بۇ يىل 77 ياشقا كىردىم، يەنە تۈگىمەس كۈچۈم بار

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

10- ئاينىڭ بېشىدا، پەيزاۋات ناھىيەسى ئۆردەكلىك يېزىسى يېڭىئېرىق كەنتىگە كەلگىنىڭىزدە، قىپقىزىل ئانارلار خۇددى قاتار- قاتار پانۇسلارغا ئوخشاش، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈلۈمسىرىگەن چىرايىنى قىزارتىپ تۇراتتى.

«بۇ يىل ئانارنىڭ مېۋىسى يوغان، مۆلچەرىمچە، ھوسۇلى بۇلتۇرقىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.» دېدى يېڭىئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ياسىن سىيىت كۈلۈپ تۇرۇپ.

10- ئاينىڭ 6- كۈنى، ياسىن سىيىت قىپقىزىل ئانارلارنى كۆرۈپ خۇشاللىقىدىن كۈلمەكتە. ئىبىراھىم ئەلى فوتوسى

ياسىن سىيىتنىڭ ئانارلىق بېغىغا كىرگىنىمىزدە، ئۇ ئانار دەرىخىدىن بىر تال ئانارنى ئۈزۈپ ئېلىپ ياردى، قىپقىزىل ئانار دانىلىرى خۇددى ياقۇتقا ئوخشايتتى. ياسىن مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئانارلىرىمىزنىڭ پوستى نېپىز، شىرنىلىك، دانىسى چوڭ، تەمى تاتلىق، ئىستېمالچىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى».

تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال گىرۋىكىگە جايلاشقان يېڭىئېرىق كەنتىنىڭ كىلىماتى ئۆزگىچە بولۇپ، ئانار دەرىخىنىڭ ئۆسۈشىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆيىنىڭ ئالدى- كەينىگە نەچچە تۈپتىن ئانار دەرىخى تىكىشكە ئادەتلەنگەن.

«كىچىك ۋاقتىمدا، كەنتنىڭ ھەممە يېرىدە ئانار دەرىخى بار ئىدى، ئانار چۈچۈمەل، تاتلىق بولۇپ، ناھايىتى يېيىشلىك ئىدى.» بۇ يىل 77 ياشقا كىرگەن ياسىن سىيىت ئەمەلىي يېشىدىن خېلىلا ياش كۆرۈنىدۇ، ئىش قىلغاندا تۈگىمەس كۈچى بار، «بەلكىم ئانارنىڭ پايدىسىدىن بولۇشى مۇمكىن، ئانار بىلەن بىر ئۆمۈر ھەپىلەشتىم. ئەمما ئىلگىرىكى يىللاردا، ئانارنىڭ ھوسۇلى تۆۋەن، پايدىسىمۇ ياخشى ئەمەس ئىدى.» دېدى ياسىن سىيىت.

ھازىرقى ياسىن سىيىت ئۆردەكلىك يېزىسىدىكى يىراق- يېقىنغا تونۇلغان ئانار ئۆستۈرۈش چوڭ ئائىلىسى، «مۇشۇ يىللاردا، يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مەن سورتنى ياخشىلاپ، قاچان كۆمۈپ سوغۇقتىن مۇداپىئە قىلىمەن، قاچان چاتايمەن، ھەر بىر ھالقىنى تەلەپ بويىچە قىلدىم.» ياسىن سىيىت مۇنداق دېدى: ئانار ئۆستۈرۈش سەۋىيەم، ئۆستۈرۈش كۆلىمىم، كىرىمىم يىلدىن- يىلغا ياخشىلىنىۋاتىدۇ.

«مەن ئىزچىل مەھەللىۋى ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم، بۇنداق بولغاندا چۈشكەن ئانارلار يوغان ھەم توق، شىرنىلىك، تاتلىق بولىدۇ، ھەر كىلوگىرامىنى 20 يۈەندىن 25 يۈەنگىچە ساتقىلى بولىدۇ.» دېدى ياسىن سىيىت.

بىر ئادەم بېيىسا بېيىغان ھېسابلانمايدۇ، پۈتۈن كەنتتىكىلەر بېيىسا ئاندىن بېيىغان ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياسىن سىيىت كۆچەت تاللاش، تىكىش، سۇغىرىش، ئوغۇتلاش پەرۋىشى، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تۈزەش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپچىلىككە تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېتەكچىلىك قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. ئۇ ئۆزگەرتىلگەن سورتتىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرىگە قارىتا، مۇۋەپپەقىيەت تەجرىبىلىرى ۋە مەغلۇبىيەت ساۋاقلىرىنى ھەمبەھرىلەپ، كۆپچىلىكنى چوقۇم قارىشىنى يېڭىلاپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشكە دەۋەت قىلدى.

ھازىر، يېڭىئېرىق كەنتىدىكى ئانار ئۆستۈرگەن ئائىلە 123كە، ئانار ئۆستۈرۈش كۆلىمى 2500 موغا يېتىپ، ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 530 كىلوگىرامدىن ئېشىپ، مو بېشى كىرىمى 13 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

10- ئاينىڭ 6- كۈنى، ياسىن سىيىت (سولدىن ئىككىنچى) كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە ئاناردىن مول ھوسۇل ئېلىش خۇشاللىقىدىن بەھرىلەنمەكتە. ئىبىراھىم ئېلى فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.