تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

مېنىڭ ئىسمىم ئانار | «لۇڭجياڭ ئانار دانىسى پىلانى»: شىنجاڭلىق ياشلارنىڭ خېيلۇڭجياڭدا بىر «ئائىلىسى» بار

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر خۇ جۈنشيۇ

  «<شىنجاڭلىق ياشلارنىڭ خېيلۇڭجياڭدىكى ئائىلىسى> ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئائىلىمىز» دېدى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى، خاربىن سانائەت داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچى ئوركېن بورانباي تېلېفوندا مۇخبىرغا، ھەر قېتىملىق بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە «شىنجاڭلىق ياشلارنىڭ خېيلۇڭجياڭدىكى ئائىلىسى» شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ پائالىيەت قانات يايدۇرىدۇ.

  پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش، كەڭ دائىرىدە دوست تۇتۇش «لۇڭجياڭ ئانار دانىسى پىلانى — شىنجاڭلىق ياشلارنىڭ خېيلۇڭجياڭدىكى ئائىلىسى» تۈرىنىڭ بىر مەزمۇنى.

mmexport1666623046474

  بۇ يىل 7-ئاينىڭ 9-كۈنى، «شىنجاڭلىق ياشلارنىڭ خېيلۇڭجياڭدىكى ئائىلىسى»دە كۆپچىلىك ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ قۇربان ھېيتنى خۇشال ئۆتكۈزدى.

  فۇ يىشىن فوتوسى

  2022-يىلى 1-ئايدا، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى يېتەكچىلىك قىلغان، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئالتاي ۋىلايەتلىك كومىتېتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن «لۇڭجياڭ ئانار دانىسى پىلانى — شىنجاڭلىق ياشلارنىڭ خېيلۇڭجياڭدىكى ئائىلىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شىنجاڭلىق ياشلارنىڭ خېيلۇڭجياڭدىكى ئائىلىسى» دېيىلدى) تۈرى خاربىن شەھىرىدە رەسمىي باشلاندى. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئالتاي ۋىلايەتلىك كومىتېتى مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، سالاھىيەتكە ئىگە جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنى تۈرنى يولغا قويىدىغان ئورۇن بولۇشقا ھاۋالە قىلىپ، 2022-يىلى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدە ئوقۇۋاتقان، تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان 1000غا يېقىن شىنجاڭلىق ياشلارغا قارىتا كۆپ خىل مۇلازىمەتنى قانات يايدۇردى.

  «بۇ تۈر ئاساسلىقى خېيلۇڭجياڭدا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان، ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ياشلارنى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، پىراكتىكا قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنى دوستلىشىش سۇپىسى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئىشتىن سىرتقى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، شىنجاڭلىق ياشلارنىڭ <دوستلار چەمبىرىكى>نى كېڭەيتىپ، ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرىدۇ» دېدى «شىنجاڭلىق ياشلارنىڭ خېيلۇڭجياڭدىكى ئائىلىسى» تۈرىنىڭ مەسئۇلى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك داجۇڭ جەمئىيەت خىزمىتى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ كېڭەش باشلىقى فۇ خەيتاۋ.

  «يېزا-كەنتلەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپ، ئېكولوگىيەلىك مەززىلىك تائاملارغا ئ‍ېغىز تېگىمىز، بۇنىڭغا كۆكتاتلىققا تېرىلغان كىچىك لازا، يۇمران خاڭگالار قوشۇلسا، بۇ تۇرمۇش نېمىدىگەن قالتىس-ھە...» 10-ئاينىڭ 21-كۈنى، خېيلۇڭجياڭ شياۋكاڭ لۇڭجياڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە، بىر مەيدان ئاممىغا يېقىن بولغان بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلىپ بېرىلدى. بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقا سۇپىسىدا، خاربىن سودا داشۆسىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچى خې جياچېڭ رىياسەتچىگە ياردەملىشىپ مال سېتىش ئۇلانمىسىنى ئەۋەتتى.

  «پىراكتىكا قىلىش ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرغانلىق، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قازغانلىق.» خې جياچېڭ مۇنداق دېدى: بىكار ۋاقىتلىرىمدا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇپ سېتىشنى ئۆگىنەلىشىم، «شىنجاڭلىق ياشلارنىڭ خېيلۇڭجياڭدىكى ئائىلىسى»نىڭ ئالاقىلىشىپ ئۇدۇللاشتۇرۇپ بەرگەنلىكىدىن بولدى.

  شىنجاڭلىق ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكىسى قىلىش، كەسپىي تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇلازىمىتىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، «شىنجاڭلىق ياشلارنىڭ خېيلۇڭجياڭدىكى ئائىلىسى» تور ۋە تور سىرتى شەكلى ئارقىلىق، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار بىلەن 46 نەپەر شىنجاڭلىق داشۆ ئوقۇغۇچىسىنى يازلىق تەتىللىك پىراكتىكىغا قوبۇل قىلىشنى ماسلاشتۇرۇپ ئۇدۇللاشتۇردى، ياش ئىگىلىك تىكلەش يېتەكچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، يۈزتۇرا ئايرىم مەسلىھەت بېرىش، ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپچىلىكنى كەسپىي، ئومۇميۈزلۈك بولغان كەسپىي تەرەققىيات پىلانى ۋە ھەقسىز ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش بىلەن تەمىنلىدى.

mmexport1666623060663

  بۇ يىل 7-ئاينىڭ 3-كۈنى، شىنجاڭلىق ياشلار داچىڭ نېفىتلىكى تارىخى كۆرگەزمىخانىسىدا نۇرغۇن قىممەتلىك سۈرەتلەرنى قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈپ، نېفىتلىكنى ئاچقان قۇرۇلۇشچىلارغا ئېھتىرام بىلدۈردى.

  لۈەن جياۋېن فوتوسى

  مېھرىبان ئەبەي خاربىن قۇرۇلۇش داشۆسىنىڭ 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى. بۇ يىل 6-ئايدا، ئۇ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك داجۇڭ جەمئىيەت خىزمىتى مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىپ پىراكتىكا قىلدى. «مەن ۋە خىزمەتداشلىرىم ئاھالىلەرگە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرىمىز، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياردىمىدە سىۋاڭخۇا ياساش قول ھۈنىرىنى ئۆگەندۇق، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق ياشانغانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ئىشلىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلدۇق، ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولدى» دېدى مېھرىبان.

  «بىز يەنە قىزىق لىنىيە تېلېفونى تەسىس قىلىپ، شىنجاڭلىق ياشلارنىڭ ئىلتىماس-تەلىپىگە ۋاقتىدا جاۋاب بەردۇق، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىكى چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلدۇق.» فۇ خەيتاۋ مۇنداق دېدى: ھازىرغىچە قانۇن-سىياسەتلەرگە جاۋاب بېرىش، ھوقۇق-مەنپەئەتنى قوغداش، خىزمەت ئىزدەش، ئىگىلىك تىكلەش، پىسخىكا بېسىمىنى يېنىكلىتىش قاتارلىق 200 قېتىمدىن ئارتۇق مەسىلىگە مەسلىھەت بەردۇق.

  «<شىنجاڭلىق ياشلارنىڭ خېيلۇڭجياڭدىكى ئائىلىسى>» تۈرى، خۇددى ئانارنىڭ دانىسىدەك خېيلۇڭجياڭ بىلەن شىنجاڭ ئىككى جايدىكى ياشلارنى زىچ ئۇيۇشتۇردى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ <مەركەزداش چەمبەر>ى بارغانسېرى چوڭايدى» دېدى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى تۈر بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، ئالتاي ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ساۋ چىڭفېڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.