تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

چىرا ناھىيەسىدىكى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى: قەيەر ئېھتىياجلىق بولسا، بىز شۇ يەردە

 «بۇ خالتىغا لىق قوناق قاچىلىنىپ بولدى، ماڭا يەنە بىر يېڭى خالتا بېرىڭ. سىلەر قاچىلاپ بولغان قوناقنى دەرھال مەرەمخان ئانىغا ئاپىرىپ بېرىڭلار» دېدى ئاياللار مۇدىرى روزىنىساخان بەگتۆمۈر كۆممىقوناق يىغقاچ يېنىدىكى پىدائىيلارغا. يېقىندا، چىرا ناھىيەسىنىڭ چاقا يېزىسى ئامبار كەنتىدىكى پىدائىيلار ئىگە-چاقىسىز ياشانغان ھۆرىخان تۇرۇپ، مەرەمخان مەتروزىلارنىڭ قوناق يىغىشىغا ياردەملەشتى.

  «كادىرلار ۋە پىدائىيلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن، ئالدىنقى كۈنى مەن ئۇلارغا ئېتىزدىكى كۆممىقوناقلارنى يىغىدىغان ئادەم يوق دېگەنىدىم، ئەتىسى ئەتىگەندىلا پىدائىيلار كېلىپ ياردەملەشتى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بەك قالتىس» دېدى مەرەمخان بوۋاي تەسىرلەنگەن ھالدا.

  ئۇدا بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ئامبار كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ئەزالىرى زىيارەت قىلىش، تېلېفوندا ئالاقىلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس-تەلىپىنى مەركەزلىك توپلاپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى بىر قەدەر كۆپ بولغان كۈزلۈك يىغىم قىيىنچىلىقىغا قارىتا مەخسۇس پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، ئىگە-چاقىسىز ياشانغانلار، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا مۇلازىمەت قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئامبار كەنتىدىكى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئاساسلىقى كەنت كادىرلىرى ۋە دېھقان پارتىيە ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن ئىكەن. ئاممىنىڭ كۈزلۈك يىغىم ئىشلىرىغا ياردەم بەرگەندىن باشقا، يەنە كەنتتىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا گۈرۈچ، ئۇن، ياغ ئاپىرىپ بەرگەن؛ كەنت دوختۇرلىرى دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قان بېسىمىنى ئۆلچەپ، دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنى تەكشۈرگەن ھەمدە ئېھتىياجلىق كەنت ئاھالىلىرىگە دورا تارقىتىپ بەرگەن. «ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلالىساقلا، ھەر قانچە جاپا تارتساقمۇ ئەرزىيدۇ. ئاممىنىڭ تەبەسسۇمى بىزگە بېرىلگەن ئەڭ چوڭ مۇكاپات» دېدى روزىنىساخان.

  (خوتەن ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى خۇ لىجېڭ ئابابەكرى ئوسمان)

  «تىيانشان تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.