تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئاقسۇ شەھىرى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولدى، قوشنىلار ئۆزئارا ياردەملىشىپ مېھىر-مۇھەببىتى قويۇقلاشتى

 

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇ شەھىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، پىدائىيلار ئۆزئارا ياردەم بېرىش جەھەتتە ئامال تېپىپ، ئاھالىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەتراپىدىكى ئىشلارنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە ياشانغانلار، مېيىپلەر، قىيىنچىلىقى بارلار، ئاجىزلار، كىچىك بالىلارغا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاھالىلەر ئارىسىدىكى پەرۋاسىز مۇئامىلىنى تۈگىتىپ، ئاھالىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق كەيپىيات ياراتتى.

  يېقىندا، ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى بازىرى قوشتوغراق كەنتىدىكى باغۋەن كاڭ جۈرۇڭنىڭ ئالمىلىق بېغىدىكى قىپقىزىل ئالمىلار شاخلىرىغا پاتماي قالغانىدى، كەنت كادىرلىرى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى، كەنت ئاھالىسى پارتىيە ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلار مۇلازىمەت كىچىك ئەترىتى باغۋەن كاڭ جۈرۇڭنىڭ ئالما ئۈزۈشىگە ياردەم بەردى. ئالدىراش مەنزىرە، ئالدىراش سىيمالار رەڭگارەڭ كۈزلۈك يىغىم يۆگىمە رەسىمىنى بېزىدى.

  ئۈزۈش جەريانىدا، كۆپچىلىكنىڭ ئىش تەقسىماتى ئېنىق بولۇپ، ياخشى ماسلاشتى، بەزىلىرى ئۈزۈشكە، بەزىلىرى توشۇشقا، بەزىلىرى خالتىغا سېلىپ ئوراشقا مەسئۇل بولۇپ، قاينام-تاشقىنلىق ئىچىدە ئىشلىدى، ھەربىر ئادەمنىڭ چېھرىدە مول ھوسۇل شادلىقى جىلۋىلەندى.

  ئون نەچچە يىل ئالما ئۆستۈرگەن كاڭ جۈرۇڭ بۇ يىل ئالمىدىن مول ھوسۇل ئالدى. شاخلىرىغا پاتماي قالغان ئالمىلاردىن مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمۈش بىلەن بىللە، ئەمگەك كۈچىنىڭ يېتىشمەسلىكىمۇ كاڭ جۈروڭنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان قىيىن مەسىلە بولۇپ قالغانىدى. كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، كەنتتىكى پىدائىيلار مۇلازىمەت كىچىك ئەترىتى تەشكىللەپ، بىرلىكتە ئۇنىڭ بېغىغا بېرىپ ئالما يىغىشىپ بەردى، شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ياردەمگە كەلگەنلىكىگە، يەشىك-يەشىكلەرگە قاچىلانغان ئالمىلارغا قاراپ، كاڭ جۈرۇڭنىڭ چېھرىگە كۈلكە يۈگۈردى.

  ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى بازىرى قوشتوغراق كەنتىدىكى باغۋەن كاڭ جۈرۇڭ مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بېغىمغا كېلىپ ئالما ئۈزۈشۈمگە ياردەملەشتى، مېنىڭ يېقىن دوستۇممۇ كېلىپ ياردەملەشتى، مەن ئۇلارغا تېخنىكا ئۆگىتىپ قويسام، ئۇلار ماڭا ياردەملىشىپ ئالما ئۈزۈشۈپ بېرىدۇ. ئادەتتە قوشنىلار ئارا مۇناسىۋىتىمىز ناھايىتى ئىناق، بىز بىللە بايرام ئۆتكۈزۈپ، بىللە ناخشا ئېيتىپ، بىللە ئۇسسۇل ئوينايمىز، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا كۆپچىلىك ئۆزئارا ياردەم بېرىمىز».

  باغۋەن كاڭ جۈرۇڭ تۇرۇشلۇق ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى بازىرى قوشتوغراق كەنتى يىراق-يېقىنغا داڭلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە يۇلتۇز دەرىجىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى بولۇپ، پۈتۈن كەنتتىكى 270 ئائىلىدىكىلەر ئۇزاق مەزگىل بىللە تۇرۇپ، تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئەمگەك قىلىپ، بىر-بىرى بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان.

  ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى بازىرى قوشتوغراق كەنتىنىڭ كەنت كادىرى ئادىل ساۋۇت مۇنداق دېدى: «بىز كەنت كادىرلىرى باشلامچى بولۇپ بىر پىدائىيلار ئەترىتى تەشكىللىدۇق، ھازىر دەل ئالما ئۈزىدىغان ۋاقىت، بىز كېلىپ ياردەملىشىپ ئالما ئۈزۈشۈپ، قاچىلىشىپ بەرگەچ، باغ باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى ئۆگەندۇق».

  «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ياخشى كەيپىياتى يارىتىش ئۈچۈن، قوشتوغراق كەنتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى خىزمەت دائىرىسىگە كىرگۈزدى. كۈندىلىك ئائىلە زىيارىتىدە سىياسەتلەرنى ياخشى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىللە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە دەۋا-تەلىپىنى توپلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مۇۋاپىق ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاممىنى غەم ـ ئەندىشىدىن خالاس قىلدى.

  ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى بازىرى قوشتوغراق كەنتىنىڭ كەنت كادىرى ئادىل ساۋۇت مۇنداق دېدى: «تۇرمۇشتا بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىمىز، يەنى مەن قانداق ياردەمگە موھتاج بولسام، ئۇلار ئاكتىپ ياردەم بېرىدۇ، سېنىڭ، مېنىڭ دەپ ئايرىمايمىز، ياردەم قىلالىساقلا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياردەم قىلىمىز، ناھايىتى ئىناق ئۆتىمىز. بىز كەنت كادىرلىرى باشلامچىلىق بىلەن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى پائال قانات يايدۇرۇپ، دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىمىز.

  ( ئاقسۇ شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى جۇۋ جىيۈەن، جاڭ يۇڭ)

  «تىيانشان تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.