تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

مىنىڭ ئىسمىم ئانار | پىچان ناھىيەسىدىكى قىپقىزىل ئانارلار ئۈزۈش پەسلىنى كۈتۈۋالدى

  ئالتۇن كۈز 10-ئاي دەل ئانار پىشىدىغان پەسىل، تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسىدىكى ئانارلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن پىشىپ، ئۈزۈش پەسلىنى كۈتۈۋالدى.

  ئالتۇن كۈز 10-ئاي دەل ئانار پىشىدىغان پەسىل

  لۈكچۈن بازىرى پىچان ناھىيەسىدىكى ئاساسلىق ئانار ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بازار، كۆپ ساندىكى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى ئانار دەرىخى تىكىدۇ، ئاز دېگەندە نەچچە تۈپ، كۆپ دېگەندە نەچچە ئون مو ئۆستۈرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لۈكچۈن بازىرى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىلمىي پەرۋىش قىلىپ، ئانارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال مەھسۇلات قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنى ئانارغا تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، ئانار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «بېيىش مېۋىسى»گە ئايلاندى.

  بۇ يىل 39 ياشقا كىرگەن يۈسۈپ قادىر لۈكچۈن بازىرى مۇقام كەنتىنىڭ ئاھالىسى، ئۇنىڭ ئانار ئۆستۈرۈۋاتقىنىغا 20 يىلدىن ئاشتى، ھازىر ئۇ 40 مو كېلىدىغان ئانارلىق باغنى باشقۇرۇۋاتقان بولۇپ، لۈكچۈن بازىرىدا ھەممە ئېتىراپ قىلغان «ئانار شاھى». 10-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئانارلىق باغدىكى پانۇستەك يوغىنىغان ئانارلار شاخلىرىغا پاتماي قالغان بولۇپ، مول ھوسۇل مەنزىرىسىنى كۆرگەن يۈسۈپ قادىرنىڭ چېھرىدە خوشاللىق كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

  ئالتۇن كۈز 10-ئاي دەل ئانار پىشىدىغان پەسىل. سۈرەتنى يۈسۈپ قادىر تەمىنلىگەن

  يۈسۈپ قادىر مۇنداق دېدى: «بۇ يىل ئاناردىن مول ھوسۇل ئالغان بىر يىل بولدى، ھازىر ئانارلارنىڭ ھەممىسى پىشىپ بولدى، ئومۇمىي ھوسۇلى تەخمىنەن 40 توننىغا يېتىشى مۇمكىن، كەڭ خېرىدارلارنىڭ كېلىپ تېتىپ بېقىشىنى، سېتىۋېلىشىنى قارشى ئالىمىز».

  لۈكچۈن بازىرى مۇقام كەنتىدە، يۈسۈپ قادىرغا ئوخشاش ئانار ئۆستۈرۈشكە تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇۋاتقانلار ناھايىتى كۆپ، ھازىر پۈتۈن كەنتتە ئانار ئۆستۈرۈش كۆلىمى 210 موغا يېتىپ، ئانار شۇ جايدىكى دېھقان ئاممىسىنىڭ ئۈزۈمچىلىكتىن قالسىلا بېيىشدىكى مۇھىم كەسىپ بولۇپ قالدى.

  لۈكچۈن بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى شۈ چياڭ مۇنداق دېدى: «لۈكچۈن بازىرى يالقۇنتاغنىڭ جەنۇبى ئېتىكىگە جايلاشقان، ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە ھاۋا كېلىماتى، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق قاتارلىق تەبىئىي شارائىتلار بۇ يەرنى ئانار دەرىخى ئۆستۈرۈشكە ئىنتايىن مۇۋاپىق كېلىدىغان ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان، بۇ يەردە ئۆستۈرۈلگەن ئانارنىڭ پوستى نىپىز، دانىسى چوڭ، تەمى تاتلىق، شىرنىلىك بولۇپلا قالماي، ساقلاشقىمۇ چىداملىق بولۇپ، كەڭ ئىستىمالچىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن. كېيىنكى قەدەمدە، لۈكچۈن بازارلىق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش سودىگەرلىرىنىڭ ئانار سېتىۋېلىشىنى پائال ئۇدۇللاشتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئانار ئۆستۈرىدىغان ئائىلىلەرنى ئانار شىرنىسىنى چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەكلەپ، ئانارچىلىق كەسپىنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرىدۇ».

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.