تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

نارات: «ئاق شايى»«يىپەك لېنتا» بىلەن ئورانغان ئوتلاق

10 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، بىر قېتىملىق قاردىن كېيىن، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۈنەس ناھىيەسى نارات ئوتلىقى نېپىز بىر قەۋەت «ئاق لىباس»قا ئوراندى. ئوتلاقتىكى ئوت - چۆپلەرنىڭ رەڭگى سېرىق بولۇپ، تاغ ئارىسىدىكى قارىغايلار ھەيۋەتلىك ئىدى. ئەگرى - بۈگرى گىرەلىشىپ كەتكەن دەريا ئېقىنى كۈمۈش جىيەك بىلەن نەقىشلەنگەن بولۇپ، خۇددى لەيلەپ يۈرگەن يىپەك لېنتىغا ئوخشاش يىراقلاردا لەرزان ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى. تاغ جىلغىسىدا سۇس تۇمان پەيدا بولغان بولۇپ، مەنزىرە رايونىغا غۇۋا گۈزەللىك قوشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.