ئالتۇن كۈزدە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى 38 مىڭ 200 مو يەرگە سىناپ تېرىلغان خاسىڭ پىشىش مەزگىلىگە كىردى. ئاقسۇ شەھىرى ئايكۆل بازىرىدىكى خاسىڭ تېرىقچىلىقى ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىدا، ماشىنىلارنىڭ ئۇياقتىن بۇياققا بېرىپ- كېلىشى بىلەن، دانلىق پىشقان خاسىڭلار تۇپراقنى يېرىپ چىقىپ، كىشىنى خۇشال قىلدى. سىناپ تېرىلغان خاسىڭنىڭ ھوسۇلىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاقسۇ شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى- يېزا ئىدارىسى تېرىقچىلىق مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، پۈتۈن جەرياندا دېھقانلارنى تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلەپ تەربىيەلىدى، ھەمدە خاسىڭ سېتىۋېلىش كارخانىلىرى بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، سېتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.
پايدىلانغان مەنبە: ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى