تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى فاڭساڭ دوختۇرخانىسىدىن چىقىش (بۆلمىدىن چىقىش) ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇ لۇپىڭ) 10- ئاينىڭ 12- كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، فاڭساڭ دوختۇرخانىسىدىن چىقىش (بۆلمىدىن چىقىش) ئۆلچىمى ئېلان قىلىندى.

ئۈرۈمچى شەھىرى «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش لايىھەسى (9- نۇسخىسى)»دىكى ئالاقىدار تەلەپلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئەسلىگە كېلىپ نورماللاشقىنىغا ئۈچ كۈندىن ئاشقان، نەپەس يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان، ئۇدا ئىككى قېتىم خېسۇەن تەكشۈرۈشتە نەتىجىسى مەنپىي بولغان (ئەۋرىشكە ئېلىنغان ۋاقىت ئارىلىقى ئاز دېگەندە 24 سائەت بولغان) يۇقۇملانغۇچىلارغا قارىتا، دوختۇرنىڭ ئۇنىۋېرسال ھۆكۈمىگە بىرلەشتۈرۈپ، دوختۇرخانىدىن چىقىش (بۆلمىدىن چىقىش) ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىنى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىشنى بىكار قىلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

فاڭساڭ دوختۇرخانىسى ئاساسلىقى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە كېسىلى يېنىك ئاغرىقلارنى قوبۇل قىلىپ داۋالايدۇ، ئاكتىپ بولغان ساغلاملىق باشقۇرۇش، ئەھۋالىنى ئىگىلەپ كۆزىتىش ۋە كېسەلگە قاراپ داۋالاش ئارقىلىق، جۇڭيى دورىسى بىلەن داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈپ، دوختۇرخانىدىن چىقىش(بۆلمىدىن چىقىش) ۋە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتىنى قىسقارتىدۇ. يەككە تەنلەر ئارىسىدا پەرق بولىدىغانلىقى، قارشىلىق كۈچى، ئىممۇنىتېت كۈچى ئوخشاش بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن، يەنە ئاساسىي خاراكتېرلىك كېسەللىكى بولۇش ئېھتىماللىقى بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇڭا دوختۇرخانىدا يېتىش ۋاقتىدىمۇ پەرق بولىدۇ. ھازىر، فاڭساڭ دوختۇرخانىسىدا ئوتتۇرىچە دوختۇرخانىدا يېتىش ۋاقتى يەتتە كۈن ئەتراپىدا.

ئاغرىق دوختۇرخانىدىن چىقىش (بۆلمىدىن چىقىش) ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلسە، فاڭساڭ دوختۇرخانىسى ئاغرىق تۇرۇشلۇق مەھەللە بىلەن ئەتىسى دوختۇرخانىدىن چىقىش (بۆلمىدىن چىقىش) ئۇچۇرىنى ئالدىن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئاپتوموبىللارنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، دوختۇرخانىدىن (بۆلمىدىن) چىققۇچىلارنى تېزدىن ئۆيىگە قايتۇرىدۇ. ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن (بۆلمىدىن) چىققان شەھەر ئاھالىلىرى، دوختۇرخانىدىن (بۆلمىدىن) چىقىدىغان چاغدا، يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىغان نەرسە- كېرەكلىرى، كىيىم- كېچەكلىرى ۋە چامادانى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى دېزىنفېكسىيەلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە، يان تېلېفون، كومپيۇتېر قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىسپىرتلىق پاختا شارچىسى ۋە دېزىنفېكسىيەلەش ھۆل قەغىزى بىلەن سۈرتۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. دېزىنفېكسىيەلىگەن بۇيۇملارنى پاكىز خالتىغا قاچىلاش كېرەك. ئايرىش كېسەل رايونىنىڭ چىقىش ئېغىزىدا چاماداننىڭ سىرتىنى دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك. يولدىكى پۈتۈن جەرياندا بىر قېتىملىق داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا ياكى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسىنى تاقاش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سەپەرداشلار بىلەن پاراڭلىشىشتىن ساقلىنىش، ئاپتوموبىلدىن چۈشكەندىن كېيىن ۋاقتىدا قول تازىلىقىنى ياخشى قىلىش كېرەك.

ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، دوختۇرخانىدىن (بۆلمىدىن) چىققۇچىلار ئالدى بىلەن يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن نەرسە- كېرەكلىرى ۋە ئالماشتۇرغان كىيىم- كېچەك، ئاياغلىرىنى بالكوندىكى شاماللىق جايغا قويۇپ قويۇشى لازىم، ھەمدە يەنە بىر قېتىم دېزىنفېكسىيەلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېقىۋاتقان سۇ ۋە قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى (ياكى سوپۇن) بىلەن ۋاقتىدا قولىنى يۇيۇشى كېرەك. «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش لايىھەسى (9- نۇسخىسى)»نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن (بۆلمىدىن) چىققۇچىلار داۋاملىق يەتتە كۈن ئائىلىدە ساغلاملىقىنى كۆزىتىپ ئۆلچىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.