تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز قىزىل، سېرىق، يېشىل كود دوختۇرخانىسىدىن ئىبارەت «ئۈچ بىر گەۋدە» قىلىنغان داۋالاش- قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى

ئاپتونوم رايونىمىز قىزىل، سېرىق، يېشىل كود دوختۇرخانىسىدىن ئىبارەت «ئۈچ بىر گەۋدە» قىلىنغان داۋالاش- قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى مۇخبىر سۇ لۇپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 10- ئاينىڭ 12- كۈنى ئاچقان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى، داۋالىنىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىشىغا يەنىمۇ ھەيدەكچىلىك قىلىپ، داۋالاش بايلىقىنى يۇقىرى نۇقتىدىن بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھازىرقى يۇقۇم ۋەزىيىتى ۋە داۋالاش بايلىقى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، قىزىل كود دوختۇرخانىسى (بەلگىلەنگەن دوختۇرخانا)، سېرىق كود دوختۇرخانىسى (خەۋپ- خەتەر ساقلانغان كىشىلەر توپى دوختۇرخانىسى) ۋە يېشىل كود دوختۇرخانىسى (ئادەتتىكى دوختۇرخانا)دىن ئىبارەت «ئۈچ بىر گەۋدە» قىلىنغان داۋالاش- قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مۇسبەت چىققان ئاغرىقلارنىڭ قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، قىزىل كود دوختۇرخانىسىدا داۋالىتىش، خەۋپ- خەتەر دەرىجىسى ئوتتۇراھال، يۇقىرى رايونلاردىن كەلگەن ئاغرىقلار سېرىق كود دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىش، ئادەتتىكى ئاغرىقلار يېشىل كود دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

قىزىل كود دوختۇرخانىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدىكى كېسەل ئەھۋالى بىرقەدەر ئېغىر، ئاساسىي ساغلاملىقى بىرقەدەر ناچار ئاغرىقلار، ئارىلىتىپ داۋالاش، كۆزىتىش بىلەن سىجىل تەمىنلەشكە ئېھتىياجلىق ئاغرىقلار، ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان ئاغرىقلار، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش قوشۇلۇپ كەلگەن تۈرلۈك جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقلار قاتارلىق ھەر خىل يۇقۇملانغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ داۋالايدۇ، ئاساسىي ئەھۋالى ياخشىراق بولغان باشقا يۇقۇملانغۇچىلارنى فاڭساڭ دوختۇرخانىسى قوبۇل قىلىپ داۋالايدۇ. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە قىزىل كود دوختۇرخانىسىدىن ئۈچى بار بولۇپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 8- دوختۇرخانا (ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش- داۋالاش بويىچە بەلگىلەنگەن دوختۇرخانا)، ئۈرۈمچى بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ چېڭبېي دوختۇرخانا رايونى، ئۈرۈمچى خەلقئارا دوختۇرخانىسىدىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 8- دوختۇرخانا ئېغىر ۋە خەتەرلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىق مىسالىنى قوبۇل قىلىپ داۋالاش، تۈرلۈك جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش، مۇرەككەپ ئاساسىي كېسىلى قوشۇلغان يۇقۇملانغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ داۋالاشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، باشقا ئالاھىدە دىياگنوز قويۇش، داۋالاش مۇلازىمىتىنى تولۇقلاپ قانات يايدۇرىدۇ، ئالاھىدە كىشىلەردىن بولغان يۇقۇملانغۇچىلارنى قۇتقۇزۇش- داۋالاشنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۈرۈمچى خەلقئارا دوختۇرخانىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن قوشۇلۇپ يۇقۇملانغان قان دىيالىزى ئاغرىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ داۋالاشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، تۈرلۈك ئىچكى كېسەللىكلەر سىستېمىسىدىكى ئاساسىي كېسەللىكلەر قوشۇلغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى ئۇنىۋېرسال قوبۇل قىلىپ داۋالايدۇ. ئۈرۈمچى بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ چېڭبېي دوختۇرخانا رايونى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى بالىلار بۆلۈمى، تۇغۇت بۆلۈمى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بۆلۈمى بويىچە كەسپىي قۇتقۇزۇش- داۋالاشنى قانات يايدۇرۇشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بىر قىسىم ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىق مىسالى (ئادەتتىكى تىپلىق)نى قۇتقۇزۇش- داۋالاشنى مۇۋاپىق قانات يايدۇرىدۇ. بىرنەچچە كۈنلۈك جىددىي تەييارلىق قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، ئۈرۈمچى خەلقئارا دوختۇرخانىسى ۋە ئۈرۈمچى بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ چېڭبېي دوختۇرخانا رايونىدا 10- ئاينىڭ 12- كۈنى ئاغرىقلارنى رەسمىي قوبۇل قىلىش باشلاندى.

ئۈرۈمچى شەھىرىدە سېرىق كود دوختۇرخانىسىدىن يەتتىسى بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك دوختۇرخانىدىن تۆتى بار بولۇپ، ئۇلار ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق 2- خەلق دوختۇرخانىسى (ئۇنىۋېرسال يېنىك كېسەللەر)، ئاپتونوم رايونلۇق 3- خەلق دوختۇرخانىسى (ئۇنىۋېرسال)، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5- دوختۇرخانا (ئۇنىۋېرسال)، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 6- دوختۇرخانا (جاراھەت ھەم باشقا تاشقى كېسەللىكلەر سىستېمىسى كېسەللىكلىرى، قىسمەن قان دىيالىز قىلىش ۋە ھامىلىدار- تۇغۇتلۇق ئاياللارنى قۇتقۇزۇش- داۋالاش)؛ شەھەر دەرىجىلىك دوختۇرخانىدىن ئۈچى بار بولۇپ، ئۇلار ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسى (ئۈرۈمچى بالىلار دوختۇرخانىسى)، ئۈرۈمچى يوۋئەي دوختۇرخانىسى (ھامىلىدار- تۇغۇتلۇق ئاياللار)، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى 1- خەلق دوختۇرخانىسى (ئۇنىۋېرسال يېنىك كېسەللەر). بۇلار ئاساسلىقى خەۋپ- خەتەر دەرىجىسى ئوتتۇراھال، يۇقىرى رايونلاردىكى خېسۇەن تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولغان كىشىلەر توپىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش ئېھتىياجىنى ھەل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سېرىق كود دوختۇرخانىسى بىرلەشمە پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، ھەرقايسى سېرىق كود دوختۇرخانىلىرىنىڭ داۋالاش بايلىقلىرى بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، يۆتكەپ دىياگنوز قويۇش، تارقاقلاشتۇرۇش مېخانىزمى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى ھەم ئەتراپتىكى رايونلاردىكى خەۋپ- خەتەر دەرىجىسى ئوتتۇراھال، يۇقىرى رايونلاردىكى ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش- داۋالاشقا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىندى.

يېشىل كود دوختۇرخانىلىرى خەۋپ- خەتەر دەرىجىسى تۆۋەن رايونلاردىكى كىشىلەر توپىنى تۈرلۈك دىياگنوز قويۇش- داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، تۈرلۈك خەۋپ- خەتەر ساقلانغان كىشىلەر توپىنى زۆرۈر بولغان جىددىي تېببىي قۇتقۇزۇش- داۋالاش بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاراشلىق باشقا ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئۆزلىرىنىڭ داۋالاش ئاپپاراتى تەستىقلىغان دىياگنوز قويۇش- داۋالاش مۇلازىمەت تۈرلىرى بويىچە دىياگنوز قويۇش- داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ بالىلار دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 2- دوختۇرخانا، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى جۇڭيى دوختۇرخانىسى (ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى)، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى (ئاپتونوم رايونلۇق ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى)، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا- بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسىدىن ئىبارەت توققۇز داۋالاش ئاپپاراتىدا دوختۇرخانا رايونىدىكى كېسەل كۆرسىتىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئارىلىق كېسەلخانا بىناسى ياكى ئارىلىق كېسەلخانا رايونى تەسىس قىلىپ، قوبۇل قىلىپ داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان كارىۋاتلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كۆپەيتىپ، كارىۋاتلارنى يۈرۈشتۈرۈشنى تېزلىتىدۇ ھەم مۇسبەت يۇقۇملانغۇچىلارنى ۋاقتىدا يۆتكەپ چىقىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدىكى دىياگنوز قويۇش- داۋالاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ ۋە سىجىل ساقلايدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسىي قاتلام داۋالاش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئاكتىپچانلىقى قوزغىتىلىدۇ، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركەزلىرى تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرگە نۇقتىلىق ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، كىچىك كېسەللەرنى ئاساسىي قاتلامدا داۋالاپ، چوڭ دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش بايلىقىدا قىستاڭچىلىق پەيدا قىلماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ پۈتۈن شىنجاڭدا ئالاقە تورى دوختۇرخانىسىدىن 38ى ئېچىلىپ، دىياگنوز قويۇش- داۋالاشنى توردا ئالدىن كېلىشىش قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاغرىقلار داۋالىنىشنى مۇۋاپىق تاللاشقا يېتەكلىنىدۇ؛ جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى ۋە تېببىي خادىملار كۆپەيتىلىپ، ئورۇنلاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىش يولغا قويۇلۇپ، 120 تېلېفونىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىپ، يۆتكەپ داۋالاش- قۇتقۇزۇشتا مۇۋاپىق ئايرىپ دىياگنوز قويۇش، دەل ۋاقتىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.