تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

«تيەنگۇڭ» دەرسخانىسىنى كۆرۈپ ئالەم بوشلۇقىنىڭ سىرىنى ھېس قىلىش

  10-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 15تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، «تيەنگۇڭ دەرسخانىسى» يەنە بىر قېتىم ئېچىلدى، شېنجوۋ 14-نومۇرلۇق ئۇچۇش گۇرۇپپىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىدىن چېن دۇڭ، ليۇ ياڭ، سەي شۈجې قاتارلىقلار كەڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە ئالەم بوشلۇقىدا دەرس ئۆتتى.

  پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقىدىكى بۇ ئالاھىدە بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرۈپ، ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ پەرقىدىن ئالەمنىڭ سىرلىرىنى بىلىپ، ئىزدىنىشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلدى.

  10-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئالتاي شەھىرى خۇڭدۈن يولى مەھەللىسى ئاشەن ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى مامىر قارمان ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئالەم بوشلۇقىدا ئۆتۈلگەن دەرسنى كۆرمەكتە.

  ئارداق بېيىسقان فوتوسى

  10-ئاينىڭ 12-كۈنى، سانجى شەھەرلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپ 5-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ما شۈەن ئۆيىدە تېلېۋىزوردىن ئالەم بوشلۇقىدا ئۆتۈلگەن دەرسنى كۆرمەكتە.

  ياڭ بىن فوتوسى

  10-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ خۇاڭجىن خەيئەن 3-قارار ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالە ئادىلە ئاتاۋۇللا بالىسى بىلەن بىرلىكتە ئالەم بوشلۇقىدا ئۆتۈلگەن دەرسنى كۆرمەكتە.

ئېزىز سامساق فوتوسى

  -10ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-شى 22-تۇەن 7-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ۋەن رونەن ئۆيىدە دادىسى بىلەن بىللە تور ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقىدا ئۆتۈلگەن دەرسنى كۆرمەكتە.

  شيې جياڭلىن فوتوسى

    10-ئاينىڭ 12-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپ 6-يىللىق 2-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى جاڭ شۇجيې ئاپىسى بىلەن بىللە ئالەم بوشلۇقىدا ئۆتۈلگەن دەرسنى كۆرمەكتە.

    ۋاڭ جۈنۋېي فوتوسى

  10-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئالتاي شەھىرى جىنشەن يولى كوچا باشقارمىسى يۈەنلىن ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى مۇ ياجۈەن بالىسى بىلەن بىللە تور ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقىدا ئۆتۈلگەن دەرسنى كۆرمەكتە.

  مېڭ جاۋپېڭ فوتوسى

  10-ئاينىڭ 12-كۈنى، چاغانتوقاي ناھىيەلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سىنىپتا «تيەنگۇڭ دەرسخانىسى» 3-دەرسىنىڭ نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىشىنى كۆرمەكتە.

  ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.