تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

مول ھوسۇل پەسلىدە، بۇ يەردە بىر توپ ئالدىراش سىيمالار بار

 

 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، جىڭ ناھىيەسى تيەنبېي چارۋىچىلىق يەم-خەشەك تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى دېھقانلار بېدە ئورۇماقتا.

ۋۇ يەنجى فوتوسى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جىڭ ناھىيەسى تيەنبېي چارۋىچىلىق يەم-خەشەك تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى كەسىپلەشتۈرۈپ، كۆلەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىپ، چارۋىچىلىق كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، شۇ جاينىڭ چارۋىچىلىق تەرەققىياتىغا ھاياتىي كۈچ قوشتى.

  10-ئاينىڭ 10-كۈنى، چەرچەن ناھىيەلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە چوڭكۆل يېزىسى دۆڭمەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياپىلاق چىلان يىغىشىغا ياردەملەشمەكتە.

رىزۋانگۈل فوتوسى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چەرچەن ناھىيەلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە چوڭكۆل يېزىسى دۆڭمەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى شۇ جايدىكى ئاممىنى يېتەكلەپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، خاس كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈردى ۋە زورايتتى ھەم يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىنى قەرەللىك ھالدا كەنت ئاھالىلىرىگە خاس مېۋە-كۆكتات ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىش قاتارلىق بىلىملەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

  ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، چەرچەن ناھىيەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ دېھقانلارنىڭ كۈزلۈك يىغىمىغا ياردەم بەردى. سۈرەتتە: 10-ئاينىڭ 10-كۈنى، چەرچەن ناھىيەلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە توغراقلىق يېزىسى قۇشئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چۈچۈكبۇيا يىغىشىغا ياردەملەشمەكتە.

رىزۋانگۈل فوتوسى

  10-ئاينىڭ 10-كۈنى، چەرچەن ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە ئاقتىكەن دۆڭ يېزىسى سېغىزلىق شىپاڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەشكىللەپ كۈزلۈك يىغىم پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، ئەمگەك كۈچى كەمچىل تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ ئوسما يىلتىزى يىغىشىغا ياردەم بەرمەكتە.

رىزۋانگۈل فوتوسى

  يېقىندا چاغانتوقاي ناھىيەسى قارابۇرا يېزىسى جالغىز ئاغاش كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى قوناق ئورۇماقتا.

ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

  10-ئاينىڭ 12-كۈنى، چوڭ تىپتىكى كومبايىن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شى 2-تۇەندە شال ئورۇماقتا.

چېن جيەنشېڭ فوتوسى

  ئۇدا بىر قانچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شىنىڭ ھەرقايسى تۇەن-مەيدانلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھاۋا ئوچۇق بولۇشتەك پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن شال ئورۇپ، شالنى ئامبارغا تولۇق كىرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلدى.

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.