تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

10- ئاينىڭ 11- كۈنى شىنجاڭدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 62سى يېڭىدىن كۆپەيدى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 379ى يېڭىدىن كۆپەيدى

  10- ئاينىڭ 11- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 62سى يېڭىدىن كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونىدا 22سى، سايباغ رايونىدا 4ى، يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا 2سى، شىمىگو رايونىدا 8ى (كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن 2سىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، مىدۇڭ رايونىدا 7سى (كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن 1ىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە 10ى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىخو شەھىرىدە 2سى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىدا 2سى (كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن)، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدە 5ى بار؛ چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 2سى يېڭىدىن كۆپەيدى (كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن 1ىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).

  كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 379ى يېڭىدىن كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونىدا 40ى، سايباغ رايونىدا 39ى، يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا 29ى، شىمىگو رايونىدا 42سى، ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا 28ى، مىدۇڭ رايونىدا 47سى، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە 57سى، غۇلجا ناھىيەسىدە 5ى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىخو شەھىرىدە 23ى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىدا 28ى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدە 41ى بار؛ چېگرا سىرتىدىن كىرگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 1ى يېڭىدىن كۆپەيدى.

  10- ئاينىڭ 11- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 2سى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 27سىنى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى.

  10- ئاينىڭ 11- كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھازىر بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالى 269؛ چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 2؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچى 2208؛ چېگرا سىرتىدىن كىرگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 3.

پايدىلانغان مەنبە: ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى تور بېكىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.