تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

جۇڭگو ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى U23 ئۈچ كىشىلىك ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 4-بولدى چېن مىڭلىڭنىڭ ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولدى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خۇاڭ شىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 10-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەردە، 2022-يىللىق U23 ئۈچ كىشىلىك ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى، جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى مىس مېدالنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە 18:21 نەتىجە بىلەن گوللاندىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، 4- بولدى. ئالدىنقى ئىككى نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى ياش قىزلار تارىختىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتتى. جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بۇ مۇسابىقىدە 7- بولدى.

IMG_20221010_164613

  چېن مىڭلىڭ مۇسابىقە داۋامىدا گار ئاستىدىن كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغىدى.

  سۈرەت مەنبەسى: «بىز ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنى سۆيىمىز (我们爱女篮)»نىڭ ۋىيبوسىدىن

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۈچ كىشىلىك مۇسابىقە ساھەسىدە ناھايىتى قالتىس مۇسابىقە نەتىجىلىرىنى ساقلاپ كەلدى: 2019-يىلى ئۈچ كىشىلىك ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى، بۇ ھەم جۇڭگو ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ تۇنجى قېتىم دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشى ھېسابلىنىدۇ؛ 2021-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 3-لىكنى ۋە ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.

  رىقابەت كۈچىنى ساقلاپ، كېيىنكى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى U23 ياش باسقۇچىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى. بۇ قېتىم جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق كۈچى ۋەن جىيۈەن بىلەن شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى، جياڭسۇ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى چېن مىڭلىڭ، خۇاڭ كۇن، لو شىنيۈلەرنى مۇسابىقىگە ئەۋەتتى.

  گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى تۆت مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە غەلىبە قىلىپ كېيىنكى باسقۇچلۇق مۇسابىقىگە كىردى. تاللىنىپ كىرىش، شاللاش مۇسابىقىسى باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىن، جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 12گە قارشى 21 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى ئاسانلا يېڭىپ، تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى. يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئامېرىكا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، جۇڭگو كوماندىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ئەھۋالدا قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش توزىقىغا چۈشۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا 15كە قارشى 10 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى. فىرانسىيە كوماندىسى ئەڭ ئاخىرىدا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئامېرىكا كوماندىسىنى يېڭىپ ئاياللار گۇرۇپپىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.

  مۇسابىقىدە چېن مىڭلىڭنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى قالتىس بولۇپ، يەتتە مەيدان مۇسابىقىدە پۈتۈن كوماندىدا ئەڭ يۇقىرى بولغان 40 نومۇرنى ئالدى.

  «بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، چېن مىڭلىڭنىڭ ئۈچ نومۇرلۇق توپ ئۇرۇش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. مەيلى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ كىشىلىك ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى بولسۇن ۋە ياكى WCBA بىرلەشمە مۇسابىقىسى بولسۇن، ئۇنىڭ ئىپادىسىنىڭ تېخىمۇ قالتىس بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى جەن شۇپىڭ مۇخبىرغا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.