تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بىرىنچى ئۆتكىلىنى پۇختا ئىگىلىدى

داڭ جۈشيا:​

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بىرىنچى ئۆتكىلىنى پۇختا ئىگىلىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يې شياۋمىن

«سىز داڭ جۈشيامۇ؟ دەرھال يۈك - تاقلىرىڭىزنى يىغىشتۇرۇپ تەييار بولۇپ تۇرۇڭ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە ياردەم بېرىسىز.» بۇ يىل 8 - ئاينىڭ بېشىدا، ئەۋەتىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغان داڭ جۈشيا تېلېفوننى قويۇپلا چامادىنىنى ئېلىپ يولغا چىقتى.

داڭ جۈشيا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا - بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى. ئالاھىدە مۇھىتتا، بارلىق خىزمەتچى خادىملار ۋە ئاغرىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ياخشى قوغداپ، يۇقۇملىنىش خەۋپ - خەتىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمىتى ئىدى. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسىدىن ئىلى ئوبلاستىدىكى فاڭساڭ دوختۇرخانىسىغىچە، ئۇ بىر جايدىن ئۇلاپلا يەنە بىر جايغا يۆتكىلىپ، قەيەر ئۆزىگە ئېھتىياجلىق بولسا، شۇ جايغا باردى، قەيەردە يۇقۇملىنىش خەۋپ - خەتىرى يۇقىرى بولسا، ئۇ شۇ جايغا ئاتلاندى.

8 - ئاينىڭ بېشىدا، ئۇ ئىلى ئوبلاستىدىكى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا بارغاندىن كېيىن، دەرھال خىزمەت ھالىتىگە كىرىپ، تەكشىلىك خەرىتىسىنى كۆرۈش، نەق مەيداننى تەكشۈرۈش، شەخسىي زىيارەت سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش، كۆزەتكۈچنى قوزغىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، رايون يولىنىڭ تەسىس قىلىنىشى، باشقۇرۇش سىستېمىسى، شەخسىي مۇداپىئە، ھەمدە داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلاردا خەۋپ - خەتەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ مەشغۇلاتچانلىقى بولغان تۈزىتىش پىكرى ۋە تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«بىر كېچىدىلا فاڭساڭ دوختۇرخانىسىنىڭ جايلىشىش، ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تاماملاپ بولۇش كېرەك.» داڭ جۈشيا مۇنداق دېدى: ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر، نەزەرىيەلىك ئاساس بىلەن ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنى جەزمەن تولۇق بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ئۇ ئەستايىدىل كۆزىتىپ، ئىنچىكە ئويلىنىپ، ۋەزىپىنى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدە تاماملىدى.

9 - ئايدا، قورغاس ناھىيەسى چىڭسىخوزا فاڭساڭ دوختۇرخانىسىدا ئۇ يەنىلا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى. ئۇ فاڭساڭ دوختۇرخانىسىنىڭ ئەھۋالىنى پىششىق بىلىش ئۈچۈن، فاڭساڭ دوختۇرخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش تەرتىپى، قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى، كۆرسىتىش بەلگە تاختىسى، قوشۇننى باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، خەۋپ - خەتەرنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى.

تېببىي ئايرىش نۇقتىسىدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، بارلىق خىزمەتچى خادىملارنىڭ خىزمەت تەرتىپىنى تولۇق ئىگىلىشى، مۇداپىئەنى ياخشى قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، داڭ جۈشيا ئۆلچەملەشكەن بۆلمە قۇرۇپ، تۈرلۈك ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلەر، كۆرسىتىش بەلگە تاختىلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ سەپلەپ، تېببىي ئايرىپ كۆزىتىش نۇقتىسىدىكى دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەمەلىي مەشغۇلات قوللانمىسىنى تۈزدى.

«خىزمەتچى خادىملارنىڭ مۇداپىئەلىنىشى قېلىپلاشتۇرۇلسا مەشغۇلات قىلىشقا قولاي بولىدۇ، ئاسان ئەستە قالىدۇ، قايتا - قايتا مەشىق قىلىش، باھالاش ئارقىلىق تېببىي خادىملارنىڭ مۇداپىئە ئېڭى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.» داڭ جۈشيا مۇنداق دېدى: مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىش - سېلىشتىكى ئىلگىرى - كېيىنلىك تەرتىپى، كۆزنى قوغداش ئەينىكىنى قانداق ئېلىش، قانچىلىك دەرىجىدە دېزىنفېكسىيە قىلغاندا ئاندىن لاياقەتلىك بولىدۇ، ھەربىر ئىنچىكە ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسىدە جەزمەن ئۆلچەملىك تەلەپنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك.

كۈندۈزدىكى ئالدىراشچىلىق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كەچتە ئۇ يەنە «مەسىلە تىزىملىكى» شەكلىدە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى يوچۇقلارنى رەتلەپ، ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، تۈزىتىش لايىھەسى ۋە مەشغۇلاتچانلىق ئانالىزىنى تەتقىق قىلاتتى. مەسىلە چېتىشلىق بۆلمە ۋە شەخسلەرگە ئاساسەن، سەۋەبىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، 2 - كۈنى يەنە قاراتمىلىق ھالدا قاتلامغا، تۈركۈمگە بۆلۈپ كۆپ خىل شەكىلدە تەربىيەلەش ئارقىلىق، مەسىلە بار بۆلمە ۋە شەخسلەرنىڭ تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلاتتى. ئۇنىڭ خاتىرە دەپتىرىدە، ھەربىر تۈرلۈك تۈزىتىش ۋەزىپىسى تاماملانغاندا، تەرتىپكە تىزىلغان ۋەزىپىنىڭ ئالدىدىكى رەت نومۇرى سىزىۋېتىلەتتى.

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى ئۆتكىلىنى پۇختا ئىگىلەپ، مۇستەھكەم «مۇداپىئە تېمى» بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ئۇ يەنە تور ۋە تور سىرتىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش شەكلىنى قوللىنىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭدىكى 1000دىن ئارتۇق تېببىي خادىمنى مەركەزلىك ئايرىۋېتىش نۇقتىلىرىنى باشقۇرۇش ئەمەلىيىتى بويىچە تەربىيەلەپ، ئۇلارغا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى.

يۇقۇم تېخى ئاخىرلاشمىدى، «جەڭ» يەنىلا داۋاملاشماقتا. «ۋىرۇس ئارقىغا چېكىنمىگىچە، مەن ھەر ۋاقىت ئىش ئورنۇمدا چىڭ تۇرۇپ، بىرىنچى سەپتىكى بارلىق خىزمەتچىلەر ھەم مۇلازىمەت قىلغۇچى خادىملارنى قوغدايمەن» دېدى داڭ جۈشيا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.