تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ پۇختا مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلدى

قومۇل شەھىرى:

بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ پۇختا مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلدى

ئۆز خەۋىرىمىز قومۇل شەھىرى تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خېسۇەن تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ سىرتقا كېڭىيىپ كېتىشىنى قەتئىي توستى.

قومۇل شىنجاڭنىڭ «شەرقىي دەرۋازىسى». شىڭشىڭشيا جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتى بىلەن بەيشەنچۈەن چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى شىنجاڭغا كىرىشتىكى تۇنجى بېكەت، شۇنداقلا شىنجاڭدىن چىقىدىغان مۇھىم ئېغىز. بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، قومۇل شەھىرى كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ «شەرقىي دەرۋازىسى»نى چىڭ ساقلاپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ پۇختا مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلىپ، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ھەرئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمىدى.

10 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، شىڭشىڭشيا جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتىغا بېرىپ تەكشۈرۈش يولى بويىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرىنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئاپتوموبىللارغا يول باشلاۋاتقانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنى تىزىملاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يۇقۇمنىڭ سىرتقا كېڭىيىپ كېتىشىنى قەتئىي توسۇپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى 24 سائەت ئىش ئورنىدا تۇرۇپ، تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرگەن.

شىنجاڭدىن چىقىدىغان ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرۈش رايونىدا، قومۇلدىن گەنسۇغا ماڭغان يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى جاۋ جۈن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەتتى، ساغلاملىق كودىنى كۆرسەتتى، خېسۇەن تەكشۈرتتى. خېسۇەن ئەۋرىشكىسى ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇش تەلىپى بويىچە قالدۇرۇپ تەكشۈرۈش رايونىغا بېرىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۈتتى. ئۇ ھەم سەپەر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان، ھەم قەلبنى ئىللىتىدىغان بۇ خىل يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغانلىقىنى ۋە چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جاۋ جۈن مۇنداق دېدى: ھاۋا شۇنچە سوغۇق بولسىمۇ، خىزمەتچى خادىملار يەنىلا بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋېتىپتۇ، ھەقىقەتەن تەسىرلەندىم. ئادەتتىكى شەھەر ئاھالىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى چۈشىنىشىم، ماسلىشىشىم ۋە قوللىشىم كېرەك. كۆپچىلىك پەقەت بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرسەكلا، چوقۇم ۋىرۇسنى مەغلۇپ قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

شىڭشىڭشيا جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ بەش كىلومېتىر شەرقىدىكى گەنسۇ ئۆلكىسى جيۇچۈەن شەھىرى گۇاجوۋ ناھىيەسى ليۇيۈەن بازىرى تەۋەلىكىدە قۇرۇلغان شىنجاڭدىن چىققان ئاپتوموبىللارنى قالدۇرۇپ تەكشۈرۈش رايونى ئەمدىلا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، قالدۇرۇپ تەكشۈرۈش رايونى ئىچىدە يۈك ئاپتوموبىللىرى تەرتىپلىك ھالدا ئاستا - ئاستا ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى. شوپۇرلار ۋە يولۇچىلار ئۆز مۇداپىئەسىنى ياخشى قىلىپ، خېسۇەن تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن تەرتىپلىك يولغا چىقىشنى ساقلاۋاتاتتى.

ئىگىلىنىشىچە، 10 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتىن باشلاپ، شىنجاڭ قومۇل شەھىرى بىلەن گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جيۇچۈەن شەھىرى بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، ھەمكارلىشىپ يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ قالدۇرۇپ تەكشۈرۈش رايونى دائىرىسىنى تاللاپ بېكىتكەندىن كېيىن، ئىككى شەھەر ئارىسىدا يۇقۇمنىڭ سىرتقا كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ماسلىشىپ مۇداپىئەلىنىشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تېزلىكتە باشلىغان. بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، قومۇل شەھىرى يۇقۇمنىڭ سىرتقا كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەۋپ - خەتەر ساقلانغان كىشىلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، نۇقتىلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى يۇقۇمنىڭ قومۇل قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق سىرتقا كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۈك تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ تىزگىنلەپ، بىرمۇ ئاپتوموبىل، بىرمۇ ئادەمنى چۈشۈرۈپ قويماي، ساغلاملىق كودى ۋە خېسۇەن تەكشۈرۈش ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ دەلىللىدى، شوپۇرلار ۋە يولۇچىلار جەزمەن 48 سائەت ئىچىدە ئىككى قېتىم خېسۇەن تەكشۈرۈش مەنپىي چىققانلىق ئىسپاتىنى ئالغان بولسا، شۇنداقلا ساغلاملىق كودى نورمال بولسا، ھەمدە قومۇل تەكشۈرۈش پونكىتى(نۇقتىسى)دا قوشۇپ ئىشلىگەن بىر كىشىگە بىر قۇتىلىق خېسۇەن تەكشۈرۈشىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلمىسە، ئاندىن شىنجاڭدىن چىقىشىغا يول قويدى. شىنجاڭدىن چىقىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلەرگە قارىتا 72 سائەت ئىچىدىكى ئۈچ قېتىملىق خېسۇەن تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىققانلىق ئىسپاتى ۋە ساغلاملىق كودى بولۇش ھەمدە قوشۇپ ئىشلىگەن بىر كىشىگە بىر قۇتىلىق خېسۇەن تەكشۈرۈشىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلمىگەندىن كېيىن ئاندىن شىنجاڭدىن چىقىشىغا يول قويۇش قاتارلىق تەكشۈرۈپ دەلىللەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى.

قومۇل شەھىرى شىڭشىڭشيا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى بى مىڭچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، شىنجاڭدىن چىقىدىغان كىشىلەرگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، تەكشۈرۈش پونكىتى خېسۇەن ئەۋرىشكىسى ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. شىڭشىڭشيا بازىرى خېسۇەن تەكشۈرۈش تەجرىبىخانىسىنىڭ مەسئۇلى، قومۇل شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانا تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل تەكشۈرگۈچىسى ليۇ يۇڭخېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، شىڭشىڭشيا تەكشۈرۈش پونكىتىغا كۈندىلىك تەكشۈرۈش ئىقتىدارى 10 مىڭ قۇتىلىق PVR تەجرىبىخانىسى ھەمدە ئىككى كۆچمە فاڭساڭ تەجرىبىخانىسى سەپلەندى، كەسپىي تەكشۈرۈش خادىملىرى تولۇقلاندى، ئۈچ سائەت ئەتراپىدا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى چىقىرالايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى يەنە كۈنىگە 1000 قۇتىنى تەكشۈرىدىغان فاڭساڭ تەجرىبىخانىسىدىن بىرنى ياردەمگە بەردى، 10 - ئاينىڭ 7 - كۈنى كەچتە شىڭشىڭشياغا يېتىپ كەلدى، بۇ، تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدۇ.

ليۇ يۇڭخېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىڭشىڭشيا جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتى يەنە خەلققە قولايلىق تۈرلۈك مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى پائال قوللىنىپ، قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. بىر تەرەپتىن، كەسىپكە پىششىق، ئالاقىلىشىش ئىقتىدارى كۈچلۈك كادىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، شوپۇرلار ۋە يولۇچىلارنى نەق مەيداندا مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى ھەم سىياسەتنى چۈشەندۈردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، شىنجاڭغا كىرىدىغان - چىقىدىغان ئاممىغا قارىتىلغان ياتاق، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش، ئىسسىنىش قاتارلىق مۇلازىمەت خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، شوپۇرلار ۋە يولۇچىلارنى يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش بوغچىسى» بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.