تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقا يۇرتتىكى سىردىشى

رەھىمە ئاۋۇت:شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقا يۇرتتىكى سىردىشى

رەھىمە ئاۋۇت (ئوڭدىن 2 ـ كىشى) ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزمەكتە. □سۈرەتنى جىنەن شەھەرلىك چاڭچىڭ 1 ـ ئوتتۇرا مەكتىپى تەمىنلىگەن.

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا

بۇ مەزگىلدە، رەھىمە ئاۋۇت ئىزچىل بەخت تۇيغۇسىغا چۆمگەنىدى، ئۇنىڭ 84 نەپەر «قىزى» − جىنەن شەھەرلىك چاڭچىڭ 1 ـ ئوتتۇرا مەكتىپى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى داشۆگە ئۆتكەنىدى. خۇانەن لىگۇڭ داشۆ، شاڭخەي داشۆ، شەندۇڭ داشۆ... ۋىيشىن توپىغا ئوقۇغۇچىلار داشۆدە تىزىمغا ئالدۇرغانلىق سۈرەتلىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي يوللاۋاتاتتى. رەھىمە سۈرەتلەرنى ئېچىپ، كۈلۈپ تۇرغان تونۇش چىرايلارغا يېنىش ـ يېنىشلاپ قارىدى. «بالىلىرىمنىڭ كېلەچىكىنىڭ قالتىس بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن!» دېدى ئۇ خۇشال ھالدا.

رەھىمە غۇلجا شەھەرلىك 23 ـ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى. 2020 ـ يىلى 9 ـ ئايدا، ئۇ چاڭچىڭ 1 ـ ئوتتۇرا مەكتىپىگە تاللاپ ئەۋەتىلىپ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى ھەم شىنجاڭنىڭ شەندۇڭ مائارىپ ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىدا تۇرۇشلۇق پارتىيە ياچېيكىسى چاڭچىڭ 1 ـ ئوتتۇرا مەكتىپى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولدى. بۇ يىل، ئۇ پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى.

جىنەنگە كەلگەندىن كېيىن، رەھىمە چاڭچىڭ 1 ـ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ 2019 ـ يىللىقىدىكى 84 نەپەر شىنجاڭلىق قىز ئوقۇغۇچىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، يېڭى بىر چوڭ ئائىلىگە ئىگە بولدى، 84 نەپەر «قىزى» بار بولدى.

«بالىلار پۈتۈنلەي يېڭى مۇھىتقا دۇچ كەلدى، تىل ئۆتكىلى، كىلىمات ئۆتكىلى قاتارلىق سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈشى كېرەك، ئوقۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش ـ تاماملىيالماسلىق ئۇلارنىڭ كېلەچىكىنى بەلگىلەيدۇ.» ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىدىن باشقا، رەھىمە يەنە ئۇلارنىڭ ئائىلە باشلىقى ۋە سىرداش دوستى بولۇشنى ئۆزىنىڭ ئورنى قىلىپ بېكىتتى. چۈنكى ئۇلارمۇ رەھىمەگە ئوخشاش ئائىلىسىدىكىلەردىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جىنەندە ئوقۇۋاتاتتى، تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتاتتى.

رەھىمە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىر بىنادا تۇراتتى، كۈندە ئۇنىڭ ياتىقىدىن قايناق سۇ، يېڭى مېۋىلەر ئۈزۈلمەيتتى... ئوقۇغۇچىلار ئېھتىياجلىق بولغاننى ئۇ ئالدىن ئويلايتتى، ئورۇنلايتتى. سەھەردە ئوقۇغۇچىلارنى ئويغىتىشتىن دەرس بېرىدىغان باشقا ئوقۇتقۇچىلار بىلەن پىكىرلىشىپ كۈندىلىك ئۆگىنىش، تۇرمۇشتا يولۇققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقىچە، يەنە كەچتە ۋاقىت چىقىرىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، سىردىشىشقىچە، رەھىمە ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىسى، ھەم بالىلارنىڭ «ياخشى ئاپا»سى بولدى.

ئوقۇغۇچىلارنى ئىدىيەۋى جەھەتتىن تەربىيەلەش، يېتەكلەش خىزمىتىنى قانداق ياخشى ئىشلەش كېرەك؟ رەھىمە بۇ ھەقتە دائىم باش قاتۇراتتى. ئۇ دائىم كىتابتىن بىلىم ئۆگىنىپ، كەسىپداشلىرىدىن تەلىم ئېلىپ، ئون نەچچە يىل سىنىپ مەسئۇلى بولۇشتەك خىزمەت تەجرىبىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈشتە چوڭ داۋلىلارنى سۆزلەش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلاردىن كېلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى.

چاڭچىڭ 1 ـ ئوتتۇرا مەكتىپىگە دەسلەپ كەلگەندە، رەھىمە ئالدى بىلەن ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئالاھىدە ئەھۋالى بار ئوقۇغۇچىلارنى بىر ـ بىرلەپ تىزىملاپ، ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلدى ۋە كۆيۈندى. ئوقۇغۇچى شياۋ ئەي (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)نىڭ ئانىسى كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن، ئاچىسى بىلەن ئىنىسى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئائىلە تۇرمۇشى قىيىن ئەھۋالدا ئىدى. شياۋ ئەي ئىچ مىجەز بولۇپ، ئاسانلىقچە كۈلمەيتتى. رەھىمە تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىنى ئۇنىڭغا ئاجرىتىپ ئۇنىڭ بىلەن سىرداشتى، ھەپتە ئاخىرىدا ئۇنى ياتىقىغا تەكلىپ قىلىپ بىللە تاماق ئېتىپ يېدى. ساۋاقداشلار سىرتقا نەرسە كېرەك سېتىۋالغىلى چىققاندا، رەھىمە يەنە شياۋ ئەيگە ئاستاغىنا ئازراق پارچە پۇل بېرەتتى... ئانىلارچە كۆيۈنۈشتىن شياۋ ئەينىڭ قەلبى ئىللىدى، چىرايىدا كۈلكە كۆپەيدى، ئۆگىنىش نەتىجىسىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇ يىل، شياۋ ئەي داشۆگە ئوڭۇشلۇق ئۆتتى.

«ئۇ ھەربىرىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئېسىدە چىڭ ساقلايدۇ، رەھىمە مۇئەللىم ھەمراھلا بولسا، قەلبىمىز ئىللىقلىققا تولىدۇ» ئۆتكەن ئۇششاق ـ چۈششەك ئىشلارنى ئەسلەپ، شياۋ ئەي رەھىمەگە بولغان مىننەتدارلىقى ۋە قىيالماسلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنداق ھېكايىلەر رەھىمە خىزمەتكە ئەۋەتىلگەن مەزگىلدە بەكمۇ كۆپ، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەۋى ھالىتى، ئۆگىنىش، تۇرمۇش جەھەتتىكى مەسىلىلىرىنى ئىگىلەپ، ۋاقتىدا ياردەم بېرىپ، تەسەللى بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆگىنىش قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى. ئۇ ھەر مەۋسۇمدا ئوقۇغۇچىلار، ئاتا ـ ئانىلار بىلەن 1000 قېتىمدىن ئارتۇقراق سىردىشاتتى، سۆھبەتلىشەتتى.

پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رەھىمە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ تۇرۇشقا ئەۋەتكەن پارتىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلەن پارتىيەسىز ئوقۇتقۇچىلارنى قوشماقلىشىشقا تەشكىللىدى، ھەر ھەپتىدە پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ، تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىكى ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىدە يېڭى كەيپىيات ياراتتى. ھەر قېتىملىق ھېيت ـ بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئوقۇتقۇچىلار ھەمىشە ئوقۇغۇچىلارنى مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، بالىلارغا ھەمراھ بولۇپ شۇ جايدىكى قىزىل مەنزىرە نۇقتىلىرىغا بېرىپ تەتقىقات ـ ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئۇلارنى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا پائال يېتەكلىدى. رەھىمە يەنە «2021 ـ يىلى شەندۇڭ بويىچە ئەڭ گۈزەل ئوقۇتقۇچى» بولۇپ باھالاندى.

«شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بىز بۈگۈن سىڭدۈرگەن ئازغىنە مېھىر ـ مۇھەببەت جەزمەن بالىلارنىڭ ئەتىكى ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا ئاتاكىغا ئۆتۈشتىكى جەڭ كىيىمى بولۇپ قالىدۇ.» يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى كۈتۈۋالغان رەھىمە خىزمەت خاتىرىسىنىڭ باش بېتىگە ئەستايىدىللىق بىلەن شۇنداق دەپ يازدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.