تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىدە 2- لىككە ئېرىشكەن كوماندا ئەزاسى دىلارەنىڭ گۈزەل يېڭى دۇنياسى

دىلارە دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى جېڭ ۋېي بىلەن دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىن كېيىن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. (سۈرەتنى دىلارە تەمىنلىگەن)

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇاڭ شىڭ

2022- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى، 25 ياشلىق دىلارە دىلشات ئۆز ھاياتىدىكى 3- قېتىملىق ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى − جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە سىدنېيدىكى دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ 2-لىك مۇكاپاتىنى ئېلىش سەھنىسىگە چىقتى. ۋاسكېتبولدىن ئىبارەت بۇ تەنھەرىكەت ئۇنىڭ ئۈچۈن گۈزەل يېڭى دۇنيا ئېچىپ بەردى.

«بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقانلىقىم مېنىڭ تەلىيىم، مۇسابىقە نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتتى، مەن يېقىن ئارىلىقتىن نۇرغۇن دۇنيا دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر توپچىنىڭ توپ بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى كۆردۈم، يەنە ئەتراپىمدىكى سەپداشلىرىمنىڭ ئۇلار بىلەن قانداق قارشىلىشىدىغانلىقىنى كۆردۈم، مەن نۇرغۇن نەرسە ئۆگىنىۋالدىم.» دېدى 10- ئاينىڭ 6- كۈنى، سىدنېيدا تۇرۇۋاتقان دىلارە ۋېيشىن ئارقىلىق مۇخبىرغا.

دىلارەنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى شوخ ئوماق سۈرىتى (سۈرەتنى دىلارە تەمىنلىگەن)

دىلارە ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىدە، ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشى ئىلگىرى تەنھەرىكەتچى بولغان دادىسى دىلشاتقا ھەمراھ بولۇپ توپ مۇسابىقىسى كۆرۈش ئىدى. بويىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، دىلارەنىڭ ۋاسكېتبولغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى كۈندىن- كۈنگە كۈچەيدى، دادىسى ئۇنى كەسپىي ۋاسكېتبول تەنھەرىكەتچىسى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى قارار قىلدى. بىراق، ئەينى چاغدا شىنجاڭدا ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىسى يوق ئىدى.

2007- يىلى، دۇ فېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن 10 ياشلىق دىلارە يۇرتىدىن ئايرىلىپ گۇاڭدۇڭغا كېلىپ، تۇنجى ترېنېرى ماۋ ۋېيخۇڭنى ئۇستاز تۇتۇپ، ۋاسكىتبول ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش سەپىرىنى باشلىدى. «دەسلەپتە ئاپىسى ئۇنىڭغا قىيمىدى، لېكىن مەن ۋە دىلارە ئىككىمىز كېيىن ئۇنىڭ چوقۇم دۆلەت كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە كىيىمىنى كىيىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنەتتۇق.» دېدى دىلشات مۇخبىرغا.

كىچىك بالا تۇرۇپلا باشقا يۇرتتا تۇرۇۋاتقان دىلارە، جاپالىق مەشىق قىلغاندىن باشقا، ئاتا- ئانىسىنى سېغىنىش ئوتىنى ۋە مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشى كېرەك ئىدى. «ھەر قېتىملىق مەشىقتە ۋە مۇسابىقىدە ئۆزۈم قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ۋە ترېنېر تەلەپ قىلغان ئىشلارنى كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ياخشى قىلدىم.» دىلارە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قىيىنچىلىقلار توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «ھەر قېتىم ئىلگىرىلىسەم، ناھايىتى خۇشال بولاتتىم، بىلىپ- بىلمەيلا كۆنۈپمۇ قالدىم».

2013- يىللىق ئاسىيا ياشلار ۋاسكېتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ياشلار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا ھۇجۇمچىسى بولغان دىلارە، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە 13.4 نومۇر ئالدى، گاردىن قايتقان 6.3 توپنى كىرگۈزدى، توپ كىرگۈزۈش نىسبىتى %68.5كە يەتتى، ئۇ سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ياپونىيە كوماندىسىنى يېڭىپ، چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى.

دىلارە بىلەن سەپداشلىرى ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئالتۇن مېدالىنىڭ «تەمى»نى تېتىماقتا. (سۈرەتنى دىلارە تەمىنلىگەن)

2014- يىلى، 17 ياشلىق دىلارە جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بايراقدارى سۈپىتىدە نەنجىڭ ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا پەيدا بولدى. 2015- يىلى، دىلارە يېڭىلا ئەسلىگە كېلىپ قۇرۇلغان يۇرتىنىڭ كوماندىسى − شىنجاڭ شېنلۇ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىغا قوشۇلدى. باش تىرېنېر جەن شۇپىڭنىڭ باشلامچىلىقىدا، WCBAدىكى بۇ يېڭى كوماندا كىشىلەرنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقىپ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە چىمپىيونلۇققا ئېرىشىش ئېھتىمالى ئەڭ چوڭ دەپ قارالغان گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى شاللاپ تاشلاپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى. جەن شۇپىڭ: «نانادا بىر خىل جاسارەت بار، ھەرقانداق رەقىبى بىلەن قارشىلىشىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ، بىر ياش توپچىغا نىسبەتەن، بۇ ئىنتايىن قەدىرلىك»، دەپ ماختىدى.

دىلارە بېيجىڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە توپ ئېلىپ بۆسۈپ كېتىۋاتماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ ۋېي فوتوسى

2018- يىلى مۇداپىئەسى قالتىس، گار ئاستىدىكى ئاساسى پۇختا دىلارە جۇڭگو ئۈچ كىشىلىك ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىغا تاللاندى. جاكارتادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ئۇ سەپداشلىرى جاڭ جىتىڭ، لى يىڭيۈن، جياڭ جيايىن بىلەن بىرلىكتە مۇسابىقىدە غەلىبە قىلىپ، چىمپىيونلۇقنى قىينالمايلا قولغا كەلتۈردى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 10غا قارشى 21 نەتىجە بىلەن ياپونىيە كوماندىسىنى يەڭدى، دىلارەنىڭ ئىچكى سەپ ئۈستۈنلۈكى ۋە مۇقىم توپ كىرگۈزۈش ماھارىتى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى.

ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن دىلارە يۇرتىدىكى بالىلارغا ياردەم بېرىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى. 2019- يىلى قىشلىق كۈن- تۈن توختاش كۈنىدە، خوتەن ناھىيەسىنىڭ ئاۋات يېزىسى يەتتىنچىئېرىق كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى بالىلارغا تەنتەربىيە، مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى ئىئانە قىلىش ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتىدە، دىلارە 20 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى.

«مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىمدا سانسىز مېھرىبان كىشى ماڭا ياردەم قىلدى. مەنمۇ ئۇلارغا ئوخشاش مۇھەببەت ئۇرۇقى چېچىشنى ئويلىدىم، بالىلارنىڭ ئارزۇسىغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» دېدى دىلارە.

دىلارە باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىدى (سۈرەتنى دىلارە تەمىنلىگەن)

بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىنقى ئىككى مەيدان مۇسابىقىسىدە، دىلارەنىڭ مەيدانغا چۈشكەن ۋاقتى ناھايىتى ئاز بولدى، لېكىن ئامېرىكا كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، دىلارە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلغۇچى ئەسكەر سۈپىتىدە 8 مىنۇت 30 سېكۇنت مەيدانغا چۈشتى، بۇ مەزگىلدە، جۇڭگو كوماندىسى نومۇر پەرقىنى بىر خانىلىق سان ئىچىگە ئەكىلىۋالدى، ئۇنىڭ مۇداپىئەسى ئامېرىكا كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمىنى ناھايىتى ياخشى چەكلەپ قويدى.

«كەلگۈسى تېخى ئۇزۇن، ئالدى بىلەن داۋاملىق تىرىشىپ تېخنىكا سەۋىيەمنى ئۆستۈرىمەن، بۇندىن كېيىن يەنە تېخىمۇ كۆپ مۇسابىقىدە ئۆزۈمنىڭ مەشىق نەتىجەمنى نامايەن قىلسامكەن دەيمەن»، دېدى دىلارە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.