تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​يۇقۇمنىڭ سىرتقا كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ بىلىپ، يۇقۇمنىڭ رايون ھالقىپ تارقىلىشىنى توسۇش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز قومۇل شەھىرىدە شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان قاتناش مەيدان - پونكىتلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى​

يۇقۇمنىڭ سىرتقا كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ بىلىپ، يۇقۇمنىڭ رايون ھالقىپ تارقىلىشىنى توسۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ئەن يەن، جاڭ يوۋشېڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 6 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قومۇل شەھىرىدە شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان قاتناش مەيدان - پونكىتلار، تاشيول چازا ئېغىزى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يۇقۇمنىڭ سىرتقا كېڭىيىپ كېتىش، يامراپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، چاقىلىق ناھىيەلىك يېتىمبۇلاق جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتى، قاغىلىق ناھىيەلىك كۆكيار جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتى قاتارلىق شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان مۇھىم ئېغىزلارغا قارىتا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، يۇقۇمنىڭ سىرتقا كېڭىيىپ كېتىش، يامراپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ بىلىپ، يۇقۇمنىڭ رايون ھالقىپ تارقىلىشىنى ھەقىقىي توسۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

G30 ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ گەنسۇ - شىنجاڭ پاسىلىغا جايلاشقان شىڭشىڭشيا جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتى ۋە G7 بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدىكى بەيشەنچۈەن چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى قومۇل شەھىرىنىڭ تەۋەلىكى ئارقىلىق شىنجاڭدىن چىقىدىغان مۇھىم ئېغىز ھېسابلىنىدۇ. ئەركىن تۇنىياز ئىككى تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان ئاپتوموبىل ئېقىمى، ئادەم ئېقىمى ئەھۋالى، بولۇپمۇ شىنجاڭدىن چىقىدىغان ئاپتوموبىل ۋە شوپۇر، يولۇچىلارنى تەكشۈرۈش، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى خەۋپ - خەتىرى ئوخشاش بولمىغان رايونلاردىكى ئاپتوموبىل مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، خېسۇەن ئەۋرىشكىسى ئېلىش ئەھۋالى ۋە تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى، خادىملارنى سەپلەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا تەكشۈردى.

G30 ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ياندۆڭ ھەق ئېلىش پونكىتىدىكى قالدۇرۇپ تەكشۈرۈش رايونىدا، ئەركىن تۇنىياز نۆۋەتتە خېسۇەن تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ساقلاۋاتقان شىنجاڭغا كىرىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ سانى، ساقلاش ۋاقتى، قالدۇرۇپ تەكشۈرۈلىدىغان ئاپتوموبىللار توختايدىغان مەيداننىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. شىڭشىڭشيا جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ شەرقىگە بەش كىلومېتىر كېلىدىغان گەنسۇ ئۆلكىسى پاسىلى ئىچىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان شىنجاڭدىن چىققان ئاپتوموبىللارنى قالدۇرۇپ تەكشۈرۈش رايونى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئەركىن تۇنىياز قالدۇرۇپ تەكشۈرۈش رايونىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى، ئىككى جاينىڭ بىرىكمە كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، جەڭدىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى، بوشىشىپ قېلىش روھىي ھالىتىنى قەتئىي يېڭىپ، ئەڭ قاتتىق تەدبىر، ئەڭ تېز ھەرىكەت ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ سىرتقا كېڭىيىپ كېتىشىنى تىزگىنلىشى كېرەك. سىرتقا كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەۋپ - خەتەر ساقلانغان كىشىلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، كىرىش خاراكتېرلىك يۇقۇم خەۋپ - خەتىرىنى چازىدا بايقاش، ئايرىش نۇقتىسىدا باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن زەنجىرلىك خەۋپ - خەتەر ساقلانغان كىشىلەرنى تولۇق تاسقاپ تەكشۈرۈشى كېرەك. دىققەتنى خېسۇەن تەكشۈرۈشتىكى گەۋدىلىك كەمتۈكلۈكلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خېسۇەن تەكشۈرۈشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك. رايونلار ئارا ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈش ۋە ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى كۈچەيتىپ، يۆتكىلىش خاراكتېرلىك، يوشۇرۇن خاراكتېرلىك تارقىلىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. شىنجاڭغا كىرىش - چىقىشتىكى ھەرقايسى تەكشۈرۈش پونكىتلىرى شىنجاڭ ئىچىدىكى نۇقتىلىق رايونلاردىكى كىشىلەر، ئاپتوموبىللارغا قارىتا خېسۇەننى تاسقاپ تەكشۈرۈش، پائالىيەت ئىزىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، «چۈشكەن جايدا تەكشۈرۈش»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، سىرتقا كېڭىيىپ كېتىش ۋە سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى ھەم شوپۇر، يولۇچىلارنى مەخسۇس تەكشۈرۈش يولىنى مۇۋاپىق تەسىس قىلىپ، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان يولنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. ئىلمىي، دەل جايىدا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا كىرگەن يۈك تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەشيا ئوبوروتى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەڭلىك سىيىت قاتارلىقلار بىرلىكتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.