تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتى: يۇقۇملانغان، يېقىندىن ئۇچراشقان ۋە ئىككىلەمچى يېقىندىن ئۇچراشقان خادىملار، يۇقۇمغا چېتىلىدىغان رايونلار شىنجاڭدىن ئايرىلسا بولمايدۇ دەپ بەلگىلىگەن خادىملار ۋاقتىنچە شىنجاڭدىن چىقمايدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇ لۇپىڭ) 10- ئاينىڭ 4- كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ليۇ پىڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتى ھازىرقى سىرتقا يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ۋەزىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تاشيول ھالقىسىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتىكى ئېغىر، قىيىن نۇقتىلارنى چۆرىدەپ، يۇقۇمنىڭ تاشيول ئارقىلىق سىرتقا يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قاتناشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەيدۇ.

ئالدى بىلەن، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ يۇقۇمنىڭ تاشيول ئارقىلىق سىرتقا يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.

بىرىنچى، يۇقۇملانغان، يېقىندىن ئۇچراشقان ۋە ئىككىلەمچى يېقىندىن ئۇچراشقان خادىملار، يۇقۇمغا چېتىلىدىغان رايونلار شىنجاڭدىن ئايرىلسا بولمايدۇ دەپ بەلگىلىگەن خادىملار ۋاقتىنچە شىنجاڭدىن چىقمايدۇ.

ئىككىنچى، ئاپتونوم رايون ئىچىدە يۇقۇم كۆرۈلمىگەن ۋىلايەت، ئوبلاست (ناھىيە، شەھەر)لەردىكى ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغان خادىملار ئۆزلىرىنىڭ يەتتە كۈن ئىچىدە خەۋپ- خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن رايونلاردا ساياھەت قىلغانلىق، تۇرغانلىق تارىخى يوق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ۋەدىنامىسى بىلەن تەمىنلىسە، تۇرۇشلۇق ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى شىنجاڭدىن ئايرىلىش ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىدۇ، 48 سائەت ئىچىدىكى ئىككى قېتىملىق (ھەر كۈنى بىر قېتىم، ئاخىرقى بىر قېتىملىق خېسۇەن ئەۋرىشكىسى شىنجاڭدىن چىقىشتىن بۇرۇنقى 24 سائەت ئىچىدە ئېلىنغان بولۇشى كېرەك) خېسۇەن تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولغانلىق ئىسپاتى ۋە شىنجاڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى يېشىل كودى ئارقىلىق شىنجاڭدىن چىقسا بولىدۇ.

ئۈچىنچى، خەۋپ- خەتەر دەرىجىسى ئوتتۇرا، يۇقىرى بولمىغان رايونلاردىكى شىنجاڭدىن ئايرىلماقچى بولغان يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى 72 سائەت ئىچىدىكى ئۈچ قېتىملىق (ھەر كۈنى بىر قېتىم) خېسۇەن تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولغانلىق شەرتىنى قاندۇرغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىن چىقىدىغان يولدا يەنە بىر قېتىم خېسۇەن تەكشۈرۈش (بىر ئادەمگە بىر نەيچە ئىشلىتىپ)نى قوبۇل قىلىدۇ، نەتىجىسى مەنپىي بولغاندىن كېيىن نورمال يول يۈرسە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭغا كىرىپ- چىقىدىغان يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنى پۈتۈن مۇساپىدە يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش چىڭىتىلىپ، يۇقۇمنىڭ كىرىش خەۋپ- خەتىرى تۆۋەنلىتىلىدۇ.

تۆتىنچى، جەمئىيەت ئاپتوموبىللىرىنى تەكشۈرۈش، تىزگىنلەش خىزمىتى سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، سەپەر قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئاپتوموبىللار نەسىھەت قىلىپ قايتۇرۇلىدۇ، خەۋپ- خەتەر دەرىجىسى ئوتتۇرا، يۇقىرى رايونلاردىكى جەمئىيەت ئاپتوموبىللىرىنىڭ يۆتكىلىشىنىڭ قاتتىق ئالدى ئېلىنىدۇ. شىنجاڭنى ئورىغان تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا شىنجاڭدىن چىقىدىغان جەمئىيەت ئاپتوموبىللىرىغا قارىتا خادىملارنىڭ يۈرۈش كودى، ئاپتوموبىللارنى تەۋەلىك بويىچە قوش تەكشۈرۈش قوللىنىلىپ، ئادەم بىلەن ئاپتوموبىلنىڭ ماس كەلمەسلىكىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ، شىنجاڭدىن چىقىدىغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش ئۆتكىلى چىڭىتىلىدۇ، ياخشىلىنىدۇ.

ئۇنىڭدىن قالسا، قاتناشقا كاپالەتلىك قىلىش چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى ئىشلىنىدۇ.

قاتناش- تىرانسپورت سىستېمىسىدىكى 10 مىڭغا يېقىن كادىر، ئىشچى- خىزمەتچى يول تورىنىڭ راۋانلىقىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، خېسۇەن تەكشۈرۈش نۇقتىسى تەسىس قىلىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا كىرىش- چىقىش يولى ھەم يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تەكشۈرۈش نۇقتىسى، مۇلازىمەت رايونلىرىدا خېسۇەن تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كەسپىي خادىملارنى سەپلەپ، خېسۇەن تەكشۈرۈش كۈچىنى تولۇقلاپ، كۈچەيتىپ، خېسۇەن تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى بالدۇر، تېز، توغرا چىقىرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغان خادىملارنى مەخسۇس تەكشۈرۈش يولىنى مۇۋاپىق تەسىس قىلىدۇ. قاتناش- تىرانسپورت، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىشىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكشۈرۈش رايونىنىڭ قاتناش تەرتىپىنى ساقلايدۇ. خەلققە قولايلىق ساغلاملىق مۇلازىمەت نۇقتىسى، شوپۇرلار ئائىلىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق، يولدىن ئۆتكەن ئاپتوموبىل، خادىملارنى يېمەكلىك، ئىچىدىغان سۇ، دورا قاتارلىق تۈرلۈك ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

بۇلاردىن باشقا، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتى يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يېشىل يولى سىياسىتى ھەمدە دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن (يەتتە كىشىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدىن يۈرۈش ھەققى ئالماسلىق سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. 4- پەسىلدە ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا يۈك ئاپتوموبىللىرىدىن يول يۈرۈش ھەققىنى %10 كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنىڭ سىياسەت پايدىسىدىن ھەقىقىي بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.