تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

يارقىن «جۇڭگو قىزىل رېڭى» ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتتى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار دۆلەت بايرىمىلىق بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

يارقىن «جۇڭگو قىزىل رېڭى» ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتتى

10 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، دۆلەت بايرىقى كۆتۈرۈۋالغان ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما چۆچەك شەھىرى شىنچېڭ كوچا باشقارمىسى قارادۆڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى سالىقجان ئىمىننىڭ ھويلىسىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. شۇ كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 73 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، سالىقجان ئىمىن ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشاش ھويلىسىدا دۆلەت بايرىقى چىقاردى. □ ۋاڭ تىڭ فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

بۇ يىل 10 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 73 يىللىق دۆلەت بايرىمى كۈنى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئوتقاشتەك قىپقىزىل بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق تاڭ سەھەردىكى تۇنجى قۇياش نۇرى بىلەن تەڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا كۆتۈرۈلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ گۈللىنىشى ۋە قۇدرەت تېپىشىغا ئورتاق تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى خۇشال ـ خۇرام كۈتۈۋالدى.

بايراقنى تەڭ چىقىرىپ، ۋەتەنگە ئورتاق بەخت تىلىدى. بورتالا شەھىرىنىڭ بىلىن خارمودۇن يېزىسى جۇكىن كەنتىدىكى مەدەنىيەت ئۆيىنىڭ سىرتىدا، ھەيۋەتلىك «پىدائىيلار مارشى»غا ئەگىشىپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا ـ ئاستا كۆتۈرۈلدى. «ھەر قېتىم بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى كۆرگىنىمدە ئىنتايىن ئىللىقلىق ھېس قىلىمەن، ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ قوينىدا تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى» دېدى جۇكىن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خاڭ خۇڭجۈن ئىپتىخارلانغان ھالدا.

جۇكىن كەنتى ئىلگىرى شورلۇق يەر ۋە قومۇشلۇق، سازلىق بىلەن ئورالغان جاي بولۇپ، ئاران 1000 مودىن ئارتۇق تېرىلغۇ يېرى بار ئارقىدا قالغان كەنت ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ مەدىتىدە، بۇ كەنت تەرەققىي قىلىپ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئالغا سىلجىتىشىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. 2021 ـ يىلى، بۇ كەنتنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 26 مىڭ 220 يۈەن بولۇپ، كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمى 2 مىليون 800 مىڭ يۈەنگە يەتتى. «بۇنىڭدىن كېيىن بىز تېخىمۇ تىرىشىپ، بىرلىكتە جۇكىن كەنتىنىڭ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتىمىز» دېدى خاڭ خۇڭجۈن.

سەھەردىكى شامالدا ھەيۋەتلىك «پىدائىيلار مارشى»غا ئەگىشىپ، چۆچەك شەھىرىنىڭ شىنچېڭ كوچا باشقارمىسى قارا دۆڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى سالىقجان ئىمىننىڭ ھويلىسىدا ئوتقاشتەك قىپقىزىل بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا ـ ئاستا كۆتۈرۈلدى.

ئەتراپتىكى قوشنا ـ قولۇم ۋە بىر قىسىم ئىدارە ـ ئورگان، كارخانىلار ۋە ھەرقايسى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، كۆپچىلىك بىرلىكتە دۆلەت شېئىرىنى ئېيتىپ، ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان چەكسىز قىزغىن مۇھەببىتى ۋە چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان تىلىكىنى ئىپادىلىدى.

2009 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، سالىقجان تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ ھويلىسىدا دۆلەت بايرىقى چىقاردى. شۇنىڭدىن كېيىن، ھەر دۈشەنبە كۈنى ۋە بايراملاردا، سالىقجان دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. «بۈگۈن ۋەتىنىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، بىز بىرلىكتە دۆلەت بايرىقى چىقاردۇق، ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللىنىشى ۋە قۇدرەت تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى سالىقجان.

ۋەتەننىڭ غەربىي چېگراسىدىكى 1 ـ كەنت − ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ جىغىن يېزىسى سىمخانا كەنتى كەنت كومىتېتىنىڭ قورۇسىدا، ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسىغا ئەگىشىپ، كەنت ئاھالىلىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقان دۆلەت بايرىقىغا نەزەر سالىمى بەردى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى قەلبلەرنى لەرزىگە سالدى.

«پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ پايدىسىدا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشىلاندى. ھازىر مەن كەنتتىكى ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىدا ياردەمچى ساقچى بولدۇم، مۇقىم خىزمىتىم بار بولدى. چېگرا بىرىنچى لىنىيەسىدىكى كەنت ئاھالىلىرىگە مۇلازىمەت قىلالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. بۈگۈن دۆلەت بايرىمى، مەن ئانا ۋەتىنىمگە شۇنداق ئېيتماقچى: سېنىڭ قوينۇڭدا ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن!» دېدى ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ جىغىن يېزىلىق چېگرا ساقچىخانىسى سىمخانا كەنت ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ ياردەمچى ساقچىسى جۇمالى بەگمەمەت.

بىرلىكتە بايراق چىقىرىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش. بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستىدا، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى كىشىلەر بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلىدى.

«بۇ، مېنىڭ 8 ـ قېتىم كەنتتە دۆلەت بايرىمى ئۆتكۈزۈشۈم، <90 ـ يىللاردا تۇغۇلغان> كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيىتىمنىڭ مۇھىم، زور، بۇرچۇمنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم» دېدى كۈنەس ناھىيەسى كەڭسۇ بازىرى كۆكتۆپە كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئۇشقۇن باغدۆۋلېت.

مۇشۇ يىللاردا، كۆكتۆپە كەنتى مالىنا ئۆستۈرۈپ پىششىقلاش، چارۋا نەسلىنى ياخشىلاشنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىش ئارقىلىق، ئىش ئورنىنى ئۈنۈملۈك كۆپەيتىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. «بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ پايدىسىدىن بولغان، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، قوي، كالىلىرى ئاۋۇدى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ، ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ!» دېدى ئۇشقۇن.

كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ مەدىنبېك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى بازىسىدا، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس مەدىنبېك مۇراتقان مەھەللىدىكى ئاھالىلەر بىلەن بىرلىكتە دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

«بۈگۈن دۆلەت بايرىمى، بىز بىرلىكتە دۆلەت بايرىقى چىقىرىپ، دۆلەت شېئىرى ئوقۇپ، ئىچ ـ ئىچىمىزدىن بەكلا ھاياجانلاندۇق ۋە ئىپتىخارلاندۇق. پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، رولۇمنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئەتراپىمدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن» دېدى مەدىنبېك.

جېجياڭ ئۆلكىسى جياشىڭ شەھىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، شايار ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى جاۋ يىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇردى، ئۇ توردا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. «بۇ، مەن شىنجاڭدا ئۆتكۈزگەن 2 ـ قېتىملىق دۆلەت بايرىمى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەزگىلىدە ئۆتكۈزگەن ھەربىر قېتىملىق دۆلەت بايرىمىنى ئۆمۈربويى ئۇنتۇيالمايمەن. مەن ياردەمگە كەلگەن دوستلار ۋە ياردەمگە ئېرىشكەن جايدىكى خىزمەتداشلىرىم بىلەن قول تۇتۇشۇپ، بىرلىكتە شايار ناھىيەسىنىڭ داۋالاش ـ سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىمنى ئىپادىلەيمەن» دېدى ئۇ.

دۆلەت شېئىرى ياڭرىدى، قىزىل بايراق لەپىلدىدى. كورلا شەھىرى قارا يۇلغۇن يېزىلىق ھۆكۈمەت قورۇسىدا «پىدائىيلار مارشى»نىڭ ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، يېزا ـ كەنت ئىككى دەرىجىلىك كادىرلار ۋە تەۋەلىكتىكى ئامما سالماق ھالدا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋازدا دۆلەت شېئىرىنى ئېيتىپ، ئۇلۇغ ۋەتەنگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە بەخت تىلىدى.

«ۋەتىنىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ قۇدرەت تېپىشىغا تىلەكداشمەن. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، بىز ئىلگىرىدەكلا كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز» دېدى قارا يۇلغۇن يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن يېزا باشلىقى لى شياۋپېڭ.

(مۇخبىر جاڭ تىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار سۇڭ ۋېيگو، رايىدە، سۇڭ ياۋېن، جەزىرە نېسىپبېك، جاڭ جىلى، دۇ جيەنخۇي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار خۇ جىنلياڭ، سۈن جېنجېن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.