تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 2022-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش باشلاندى!

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شېن زۇشياۋ خەۋەر قىلىدۇ) ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2022-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش ۋاقتى 9-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، توردا تىزىملىتىش ۋاقتى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 10دىن 10-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 17گىچە بولۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىلتىماس قىلغۇچىلار بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە جۇڭگو ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت تورى (www.jszg.edu.cn)غا چىقىپ ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا توشمىغانلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كەلسە، مۇناسىپ بولغان ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ: شىنجاڭ نوپۇسىدىكى خادىملار؛ شىنجاڭنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئىچىدىكى ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بار باشقا ئۆلكە، شەھەر نوپۇسىدىكى كىشىلەر (ۋاقىتلىق ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ياكى ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)؛ شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان شۇنداقلا مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار؛ شىنجاڭدا ئارمىيەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر ۋە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قوراللىق ساقچىلار؛ شىنجاڭدا ئوقۇۋاتقان، خىزمەت قىلىۋاتقان، ئولتۇراقلاشقان شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك ئاھالىلەر.

  يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ناھىيە (شەھەر، رايون)لىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى بېكىتىدۇ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ پىراكتىكا يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ۋىلايەت (ئوبلاستلىق، شەھەرلىك)لىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى بېكىتىدۇ. رايون، ناھىيە ئاتلاپ نەق مەيداننى بېكىتىش ئاپپاراتىنى تاللاشقا بولمايدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچى توردا ئىلتىماس قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئېلىپ بەلگىلەنگەن ئورۇنغا بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ جەزملەشتۈرۈشى كېرەك.

  ئىلتىماس قىلغۇچىلار ھەر قانداق ھالقىدا ساختىپەزلىك قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئالدامچىلىق بىلەن ئېرىشكەنلىكى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان كۈندىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى بېكىتىشنى قايتا ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.