تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

پۈتكۈل جۇڭگولۇقلارنى تېخىمۇ ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن

− پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كۈچەيتىلگەنلىكى توغرىسىدا بايان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

«بىزنىڭ نىشانىمىز ناھايىتى ئۇلۇغۋار ھەم ناھايىتى ئاددىي، تېگى ـ تەكتىدىن ئېيتقاندا، پۈتكۈل جۇڭگولۇقلارنى تېخىمۇ ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش».

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور سىياسەت ـ تەدبىرلەر ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ، خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇردى، تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلدى، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلدى.

«خەلق ئاممىسىنىڭ تىنچ ـ ئامانلىقى، ھال ـ ئەھۋالىنى باشتىن ـ ئاخىر قەلبكە پۈكۈش كېرەك»

9 ـ ئاي، سەنشىنىڭ شىمالى باش كۈز پەسلىگە كىرگەنىدى. ئازادە، پاكىز قورۇدا 68 ياشلىق بەي گاۋشەن نەۋرىسىنى ئويناتقاچ، خۇش تەبەسسۇم بىلەن مۇنداق دېدى: «يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردۇق، ئوغلۇم ئۆيلەندى، نەۋرەممۇ تۇغۇلدى، ئىشىك ئالدىدىلا كۈتۈنۈش مەركىزى ۋە يەسلى بار، بۇنداق كۈنلەرنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتۇق».

بەي گاۋشەن تۇرۇشلۇق سەنشى داتۇڭ شەھىرى يۈنجوۋ رايونى شىپىڭ بازىرىنىڭ فاڭچېڭ يېڭى كەنتى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە قۇرۇلغان كەنت ئىدى. 2018 ـ يىلىدىن باشلاپ، 200دىن كۆپرەك ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشاپ كەلگەن ئۈنۈمسىز تۆپىلىكتىن، شورلۇق يەردىكى توپا گەمىدىن بۇ يەرگە ئارقا ـ ئارقىدىن كۆچۈپ كېلىپ، سېرىقگۈل خاس كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلارغا تايىنىپ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، تۇرمۇشى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يېڭى تۈسكە كىردى.

ۋاقىتنى 2012 ـ يىلى 11 ـ ئايغا قايتۇرساق، 18 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن شى جىنپىڭنىڭ خىتابى ئاددىي ھەم قەتئىي ئىدى: «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىستىكى دەل بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز».

ئەينى چاغدا، جۇڭگو يېزىلىرىدا يەنە 100 مىليونغا يېقىن ئاھالىنىڭ تۇرمۇشى نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچەم سىزىقىدىن تۆۋەن ئىدى. خەلققە بولغان چوڭقۇر مېھىر ـ مۇھەببەت تەنتەنىلىك ۋەدە ۋە ھەقىقىي تەدبىرگە ئايلىنىپ، داغدۇغىلىق نامراتلىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى جۇڭخۇا زېمىنىدا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش پەيتىگە قەدەم قويدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى بىۋاسىتە جەڭگە ئاتلىنىپ، ئۆزى بىۋاسىتە جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلدى، مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار 14 رايوننى ئايلىنىپ چىقىپ، 20 نەچچە نامرات كەنتنى كۆزدىن كەچۈردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. كەنتتە تۇرۇشلۇق 255 مىڭ خىزمەت ئەترىتى، 3 مىليوندىن كۆپرەك 1 ـ شۇجى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىر ھەرقايسى يېزا ـ بازارلاردىكى 2 مىليونغا يېقىن كادىر ۋە نەچچە مىليون كەنت كادىرى بىلەن بىرلىكتە نامراتلارنى يۆلەش سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى.

ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى 98 مىليون 990 مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 832 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، 128 مىڭ نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامرات كەنتلەر قاتارىدىن چېكىنىپ چىقتى... سەككىز يىل داۋاملاشقان مىسلىسىز مۇشەققەتلىك قول تۇتۇشۇپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق جۇڭگو مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلدى، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگولۇقلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ ئىنتىلىپ كەلگەن ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلاندى.

خەلقنىڭ ھال ـ ئەھۋالىنى قەلبىگە پۈكۈپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى باش ئورۇنغا قويدى.

يېقىندا، 9 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى سائەت 12دىن 52 مىنۇت ئۆتكەندە، سىچۇەننىڭ گەنزى زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ لۇدىڭ ناھىيەسىدە 6.8 بال يەر تەۋرىدى.

خەۋەر يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ دەرھال مۇھىم يوليورۇق بەردى: ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشنى باش ۋەزىپە قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ ۋە ياردەم بېرىپ، كىشىلەرنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك.

ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش قوشۇنى، قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر، داۋالاش خادىملىرى جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش بىرىنچى سېپىگە ئاتلاندى.

«خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، بىز جەزمەن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماسلىقىمىز كېرەك، بىز ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىنمۇ يانمايمىز.» خەلقنىڭ ھاياتىي ساغلاملىقى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

2020 ـ يىلى يىل بېشىدا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يامان ئەلپازدا كەلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يۈز مىليونلىغان خەلق ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، كۆلىمى مىسلىسىز بولغان ھاياتلىقنى كەڭ كۆلەمدە قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىشنى يولغا قويۇپ، يۈكسەك شىجائەت بىلەن بىر مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بويىچە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى باشلىدى.

تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا 30 نەچچە سائەت بولغان بوۋاقتىن 100 نەچچە ياشلىق بوۋاي ـ مومايلارغىچە، جۇڭگودا ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن جۇڭگوغا كەلگەن چەت ئەللىك خادىملارغىچە، ھەربىر ھاياتلىقنىڭ ھەممىسى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدالدى، ئادەمنىڭ ھاياتى، ئادەمنىڭ قىممىتى، ئادەمنىڭ ئىززەت ـ ھۆرمىتى جان كۆيدۈرۈپ قوغدالدى.

بۇ يىل 3 ـ ئايدىن بۇيان، يۇقۇشچانلىقى كۈچلۈك بولغان ئومىكېروننىڭ ئۆزگەرگەن تۈپى تېز سۈرئەتتە يامرىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى قاتتىق، ياخشى تۇتۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي، دەل جايىدا بولۇش، ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك».

كۆپ خىل تېخنىكىلىق يوللار ئارقىلىق ۋاكسىنا تەتقىق قىلىش ـ ئېچىش قوزغىتىلىپ، ئومۇمىي خەلققە ھەقسىز ۋاكسىنا ئەملەندى، بىخەتەر، ئىلمىي بولۇش ئالدىنقى شەرتىدە ھەرقانداق بىر كىشىلەر توپى چۈشۈرۈپ قويۇلمىدى... 9 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنىگە قەدەر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە 3 مىليارد 434 مىليون قېتىمدىن ئارتۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەندى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش قاتتىق، ئىنچىكە، ياخشى تۇتۇلۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش توسۇقى مۇستەھكەملەندى. دۆلىتىمىز خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدىدى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.

«خەلق ئاممىسى ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان، ئالدىراۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان ئىشلارنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك»

«خەلق غەم ـ ئەندىشە قىلغان ئىشنى مەن چوقۇم قەلبىمگە چىڭ پۈكىمەن، خەلق ئارزۇ قىلغان ئىشنى مەن چوقۇم ياخشى قىلىمەن».

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، بالىلار يەسلىگە كىرەلەيدىغان بولۇش، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيسىزلەرنىڭ ئولتۇرىدىغان ئۆيى بولۇش، ئاجىزلار يار ـ يۆلەككە ئېرىشەلەيدىغان بولۇش جەھەتتە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى.

«ئۈچ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ بىر تال مۇنتىزىم چىش ئۆستۈرۈش ـ كۆچۈرۈش داۋالاش مۇلازىمىتى قىسمىنىڭ ئومۇمىي باھاسى پىرىنسىپ جەھەتتىن 4500 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.» «ھەرقايسى جايلار ئاممىۋى پاراۋانلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆستۈرۈش گەۋدىسى ھەققى، چىش تاجىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققى، چىش سېلىش ئوپېراتسىيەسى ھەققى قاتارلىقلارنىڭ باھاسىنى تۆۋەنلىتىدۇ».

دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى 9 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى ئېلان قىلغان بىر ئۇقتۇرۇشتا خەلق تۇرمۇشىدىكى «ئاغرىق نۇقتا» مەسىلىلىرىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ، جەمئىيەتنىڭ كەڭ كۆلەمدە دىققىتىنى تارتتى.

بۇ 10 يىلدا، تېببىي دورا ـ سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، دورا بىلەن دوختۇرخانىنى بېقىشتەك «جاھىل كېسەللىك» تېز ھەل قىلىندى. قانات يايدۇرۇلغان يەتتە تۈركۈمدىكى مەركەزلىك سېتىۋېلىشتا تاللانغان دورىلارنىڭ ئوتتۇرىچە تۆۋەنلىتىلگەن باھاسى %50تىن ئاشتى، ئىككى تۈركۈمدە خورىما ماتېرىياللارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىشتا ئوتتۇرىچە تۆۋەنلىتىلگەن باھا %80تىن ئاشتى، بۇنىڭ بىلەن پۇقرالارنىڭ دورا ئىشلىتىش يۈكى تەخمىنەن جەمئىي 300 مىليارد يۈەن تۆۋەنلىدى.

خەلق تۇرمۇشى خەلق رايى بىلەن تۇتاش. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: «خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان، تەكرار كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەرنى چىقىش قىلىپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشتا تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ، كۈتۈنۈش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، جەمئىيەت ئامانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىر ـ بىرلەپ ياخشى ھەل قىلىپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك».

مېخانىزم ئورنىتىلدى، توسالغۇلار سۈپۈرۈپ تاشلاندى، قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىندى، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىپ، ھەر يىلى 10 مىليوندىن ئارتۇق يېزا نوپۇسى شەھەر ـ بازارلارغا نوپۇسىنى ئورۇنلاشتۇردى؛ ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش، پاكىز ئىسسىنىش، ھاجەتخانا ئىنقىلابى، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلىنىش يۈكىنى يېنىكلىتىش... خەلق تۇرمۇشىدىكى ھەربىر «كىچىك ئىش» جۇڭنەنخەيدىكى كېڭىشىش ئۈستىلىگە قويۇلۇپ، ھەربىر قېتىم ئىسلاھاتنىڭ كۈچەش نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى.

ئىشقا ئورۇنلىشىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتتى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»تا باش ئورۇنغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. 10 يىلدا شەھەر ـ بازارلاردا جەمئىي 130 مىليون كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، جەمئىي 55 مىليون 10 مىڭ ئىشسىز كىشىنىڭ قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

2012 ـ يىلىدىن 2021 ـ يىلىغىچە، دۆلىتىمىزدە جەمئىي 59 مىليون يۈرۈشتىن كۆپرەك تۈرلۈك كاپالەتلىك ئۆي ۋە كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيى سېلىندى، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تۆۋەن كاپالەتلىك 40 مىليوندىن كۆپرەك كىشى كاپالەتلەندۈرۈلدى؛ ئاساسىي داۋالىنىش، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى 1 مىليارد 360 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى، 1 مىليارد 40 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى قاپلاپ، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى بەرپا قىلىندى... قاپلاش دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ، قاراتمىلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان تەدبىرلەر خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېز تولۇقلىدى.

كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت خىراجىتى ياردەم پۇلىنىڭ ئۆلچىمى 2012 ـ يىلىدىكى 25 يۈەندىن 2022 ـ يىلىدىكى 84 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى؛ مەملىكەت بويىچە تۈرلۈك كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىدىكى كارىۋات سانى 2012 ـ يىلىدىكىدىن بىر ھەسسىگە يېقىن ئاشتى؛ تىنچ ـ ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى ۋەزىيىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەدە تۇردى؛ جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قانۇنچىللىق ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈش تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى... خىزمەت ۋەزىپىسى ئېغىر بولسىمۇ، لېكىن تۈرلۈك خىزمەتلەر ئەستايىدىل ئىشلەندى، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ھەربىر ئەمەلىي ئىش پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتى ھەقىقىي تۈردە ئاشۇرۇلدى.

«ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈش كېرەك»

«خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى يوق، پەقەت ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغان يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىلا بار».

يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويغاندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن پۈتكۈل خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

ھەر 1000 نوپۇسقا توغرا كېلىدىغان كەسپىي (ياردەمچى) ۋىراچ 3.2 كىشىگە، ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار، بالىلارنى يەسلىگە ئېلىش سانى 4.5كە يەتتى، ئادەملەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى بىر ياش يۇقىرىلىدى... «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035 ـ يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسىدا «14 ـ بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى بويىچە تەسىس قىلىنغان 20 تۈرلۈك ئاساسلىق كۆرسەتكۈچ ئىچىدە، خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىگە ئالاقىدار كۆرسەتكۈچ يەتتە تۈرگە يېتىپ، ئىلگىرىكى ھەر قېتىملىق بەش يىللىق يىرىك پىلاندا ئىگىلىگەن نىسبەتتىن ئەڭ يۇقىرى بولدى.

«كوممۇنىستىك پارتىيە خەلق ئۈچۈن ئىش قىلىپ بېرىدۇ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى كۈندىن ـ كۈنگە ياخشىلايدۇ، خەلقنى يىلدىن ـ يىلغا ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى كۆڭلىگە پۈكۈشى باشتىن ـ ئاخىر ئۆزگەرمىدى.

خەلقنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشتە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاچقۇچ.

«ئاق شەبنەم مەۋسۇمى يېتىپ كەلدى، ياڭاقلار بامبۇك خادىسىدا قېقىپ چۈشۈرۈلدى.» 9 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى ئاق شەبنەم مەۋسۇمى، شۇنداقلا ئەنخۇينىڭ شېشيەن ناھىيەسىدىكى 100 مىڭ مودىن ئارتۇق تاغ ياڭىقى قېقىلىشقا باشلىنىدىغان كۈن.

ئۇزۇنغا سوزۇلغان تاغلار ئارىسىدا بامبۇك خادىسى بىلەن يېنىك قاققاندا مېۋىنىڭ توروك ـ توروك قىلىپ يەرگە چۈشكەن ئاۋازى ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى. سودا بازىرىدا ماشىنىلار گۈرۈلدەيتتى، پوستى ئاقلانغان دۆۋە ـ دۆۋە تاغ ياڭىقى ناھايىتى تېزلا سېتىپ چىقىرىلدى.

شېشيەن ناھىيەسىنىڭ بۇ يىلقى تاغ ياڭىقى ھوسۇلى بۇلتۇرقىدىن %20 ئەتراپىدا ئېشىپ، ئىنچىكە پىششىقلانغان تەييار مەھسۇلات قىممىتىمۇ ئاشتى. كىچىك تاغ ياڭىقى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى چوڭ كەسىپكە، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى «ئالتۇن مېۋە»گە ئايلاندى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، دۆلىتىمىز يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە تېخىمۇ ياخشى قاندۇردى.

خەلقنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش شەرت.

مەملىكەتلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت بۇلۇتى، ئاقىل رادىيو ـ تېلېۋىزىيە، ئاقىل كۇتۇپخانا قۇرۇش، «خەلق ئارىسىغا بېرىش» «ئاساسىي قاتلامغا شاد ـ خۇراملىق يەتكۈزۈش» قاتارلىق پائالىيەتلەر قىزغىن قانات يايدۇرۇلدى، تېخىمۇ كۆپ باغچە ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى... سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇلغاچقا، ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز بېيىدى.

«خەلق ئاممىسىنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش پارتىيەمىزنىڭ 100 يىلدىن بۇيانقى ئۆزگەرمەس ئىستىكى، بىز ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ ئىشلىشىمىز كېرەك.» بۇ يىل باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەنشىگە بېرىپ ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىغان ۋە ئۇلاردىن ھال سورىغاندا، يەنە بىر قېتىم كوممۇنىستلارنىڭ خەلقچىل ھېسسىياتىنى ئوچۇق ئۇقتۇردى.

خەلقنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشتە، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش شەرت.

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلغان، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، بىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدۇق.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: «يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئۇدا كۈرەش قىلىپ، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىدا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك».

ئورتاق بېيىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش ئۈچۈن، جېجياڭ ئۆلكىسى «ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر توپىنى كېڭەيتىش» «تۆۋەن كىرىملىكلەر توپىنىڭ كىرىمىنى ئۆستۈرۈش»نى بۆسۈش خاراكتېرلىك تۇتقا قىلىپ، تېخنىك ئىشچىلار، پەن تەتقىقات خادىملىرى، يۇقىرى ساپالىق دېھقانلار قاتارلىق توققۇز تۈرلۈك كىشىلەر توپىنى «ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر توپىنى كېڭەيتىش»تىكى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تەقسىمات مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق كىشىلەرنىڭ ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر توپىغا كىرىش يولىنى ئاچتى.

ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش، ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر توپىنى كۆپەيتىش ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇش... «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035 ـ يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما بويىچە، بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى پۈتكۈل خەلقنى ئورتاق بېيىش نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىتىدۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى ماڭغانسېرى كېڭەيتىدۇ.

ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، 100 يىللىق چوڭ پارتىيە مۇقەررەر خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىستىكىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتكۈل جۇڭخۇا ئوغۇل ـ قىزلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت يېڭى مۇساپىدە يەنە يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىدۇ.

(مۇخبىرلار جياڭ لىن، ۋاڭ يوۋلىڭ، جوۋ يۈەن، چېن خۇڭيى)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.