تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

نېفىت بىلەن ئومۇميۈزلۈك تونۇشۇپ چىقىڭ

سىكاننېرلاپ تولۇق مەزمۇننى كۆرۈڭ

نېفىت «قارا ئالتۇن»، «سانائەتنىڭ قېنى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنداق قىممەتلىك نېفىت قانداق ھاسىل بولغان؟ تۆۋەندە بۇنى كىچىك ئانار سىزگە ئېيتىپ بېرىدۇ.

نېفىتنىڭ ھاسىل بولۇشى توغرىسىدا «ئورگانىك ماددا» ۋە «ئانورگانىك ماددا» دېگەن ئىككى خىل قاراش بار. كەسىپ ساھەسىدىكىلەر «ئورگانىك ماددا» دېگەن قاراشنى كەڭ قوبۇل قىلغان بولۇپ، قەدىمكى دەۋردە دېڭىز ـ ئوكيان ياكى كۆللەردىكى جانلىقلارنىڭ قالدۇق سۆڭەكلىرى چۆكۈندى شەكلىدە يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغاندىن كېيىن، ئورگانىك ماددىلار يۇقىرى تېمپېراتۇرا، يۇقىرى بېسىمدا ۋە ئوكسىگېن يېتىشمىگەن ئەھۋالدا «كېروگېن»نى شەكىللەندۈرۈپ، يەنە نەچچە ئون مىليون يىل پارچىلىنىش ئارقىلىق نېفىتنى ھاسىل قىلىدۇ دەپ قارايدۇ. «ئانورگانىك ماددا» دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرغان مۇتەخەسسىسلەر نېفىت مانتىل قاتلىمىدىكى كاربون، ھىدروگېن ئېلېمېنتلىرىنىڭ مانتىل قاتلىمىدا يۆتكىلىشىدىن ھاسىل بولغان دەپ قارايدۇ. شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئالىم شېن كو «مېڭشى باغچىسى پۈتۈكلىرى»دە ئۇنىڭغا «نېفىت» دەپ رەسمىي نام بەرگەن.

نېفىت ئاساسلىقى يېقىلغۇ ماي قىلىنىدۇ، مەسىلەن، بېنزىن، دىزېل مېيى، ئاۋىياتسىيە كىرسىنى قاتارلىقلار. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نېفىت يەنە خىمىيە سانائىتىنىڭ مۇھىم خام ماتېرىيالى بولۇپ، ئۇنى چەككىلەش ئارقىلىق سىر، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، تالا، كاۋچۇك، سولياۋ، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى، گىرىم بۇيۇملىرى، تېببىي دورا قاتارلىقلارنى ياساشقا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

ھازىر كىشىلەر كىيىم ـ كېچەك، يېمەك ـ ئىچمەك، تۇرالغۇ، قاتناشتا نېفىتكە يۈكسەك دەرىجىدە تايىنىدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئادەم ئۆمرىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 551 كىلوگىرام نېفىتنى «يېمەك ـ ئىچمەك»كە، 290 كىلوگىرام نېفىتنى «كىيىم ـ كېچەك»كە، 3790 كىلوگىرام نېفىتنى «تۇرالغۇ»غا، 3838 كىلوگىرام نېفىتنى «قاتناش»قا ئىشلىتىۋېتىدىكەن.

نۆۋەتتە، شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان نېفىت گېئولوگىيەلىك زاپىسى 6 مىليارد 720 مىليون توننا بولۇپ، مەملىكەت بويىچە %15نى ئىگىلەپ، مەملىكەت بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاساسلىقى جۇڭغار، تارىم، تۇرپان ـ قومۇلدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئويمانلىققا تارقالغان.

نېفىتنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك ناھايىتى ياخشى ئېقىشچانلىققا ئىگە ئەمەس، ئۇ ئېغىر نېفىت (قويۇق نېفىت)، ئوتتۇراھال نېفىت، يېنىك نېفىت ۋە قېتىشقان نېفىت دەپ ئايرىلىدۇ. شىنجاڭدىكى نېفىتلىكلەر ئىچىدە، تۇرپان ـ قومۇل نېفىتلىكى، تارىم نېفىتلىكىدىن چىققان قويۇق نېفىت ئاسفالتتەك قويۇق، بۇنىڭ ئىچىدە، تۇرپان ـ قومۇل نېفىتلىكىدىكى قويۇق نېفىتنىڭ كۆمۈلۈش چوڭقۇرلۇقى ئومۇميۈزلۈك ھالدا 3000 مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇنى قېزىش دۇنياۋى قىيىن مەسىلە ھېسابلىنىدۇ.

قىزىقارلىقى شۇكى، نېفىتنىڭ ھەممىسىلا قارا ياكى قېنىق قوڭۇر رەڭدە بولمايدۇ، يەنە ئاق، قىزىل، يېشىل، ئالتۇن رەڭ، قوڭۇر قىزىل رەڭلەردە بولىدۇ. غەربىي شىمال نېفىتلىكى شۆبە شىركىتى تارىم ئويمانلىقىدىن قېزىپ چىققان بىر خىل قېتىشقان نېفىت پارقىراق يېشىل رەڭدە بولۇپ، يەر ئاستىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتا كۆمۈلۈپ ياتقاندا گاز ھالىتىدە بولىدۇ، قېزىۋېلىنغاندىن كېيىن سوغۇق ھاۋا بىلەن ئۇچراشسا قېتىشىپ نېفىتكە ئايلىنىدۇ.

نېفىت قېزىش ئۈزلۈكسىز يەرشارىنىڭ چوڭقۇر قىسمىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە، شىنجاڭدا بۇرغىلانغان ئەڭ چوڭقۇر قۇدۇقنىڭ چوڭقۇرلۇقى 9300 مېتىرغا يەتتى. تارىم ئويمانلىقىدا، نۆۋەتتە بۇرغىلاش چوڭقۇرلۇقى 8000 مېتىردىن ئاشىدىغان 100گە يېقىن قۇدۇق بار بولۇپ، «يەر ئاستىدىكى جۇمۇلاڭما چوققىسى» دېيىشكە بولىدۇ. تارىم ئويمانلىقىدا كەلگۈسىدە يەنە 15 مىڭ مېتىرلىق بۇرغىلاش ماشىنىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

(ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن رەتلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.