تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

تيەنجىن كېسەلگە گىرىپتار بولغان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىغا پۈتۈن شەھەر بويىچە كاپالەتلىك قىلدى بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىسى داشۆسىنىڭ يېڭى ئوقۇغۇچىسى جاڭ يۇەنيى: ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جەزىرە نېسىپبېك خەۋەر قىلىدۇ) «ھازىر سالامەتلىكىم ناھايىتى ياخشى ئەسلىگە كەلدى، مەن يېڭىلا بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى داشۆسى شىجيا بىلىم يۇرتىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتىم.» 9-ئاينىڭ 22-كۈنى، بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى داشۆسى 1-يىللىقىنىڭ يېڭى ئوقۇغۇچىسى جاڭ يۇەنيى مۇنداق دېدى: «بۇ داشۆگە ئۆتۈش مېنىڭ ئارزۇيۇم ئىدى. مېنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىمغا ياردەم قىلغان كىشىلەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن».

9-ئاينىڭ 21-كۈنى، جاڭ يۇەنيى بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى داشۆسى شىجيا بىلىم يۇرتىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشماقتا.

سۈرەتنى جاڭ يۇەنيى تەمىنلىگەن

  18 ياشلىق جاڭ يۇەنيى قارامايلىق. 2019-يىلى، ئۇ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ، تيەنجىن شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپكە كەلگەن.

  «مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، يۇەنيى قېتىرقىنىپ ئۆگەندى، نەتىجىسى ئىزچىل ياخشى ئىدى، ھەر مەۋسۇملۇق نەتىجىسى ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى» دېدى تيەنجىن شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپ شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ شىجۈ.

  5-ئاينىڭ 12-كۈنى، جاڭ يۇەنيى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز قورسىقى قاتتىق ئاغرىپ، مەكتەپ ئۇنى تيەنجىن تېببىي داشۆسى باش دوختۇرخانىسىغا جىددىي ئاپاردى. «مەن ئىلگىرى بىر قېتىم جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان، ئويلىمىغان يەردىن ھالقىلىق پەيتتە يەنە قوزغىلىپ قالدى» دېدى جاڭ يۇەنيى.

  جاڭ يۇەنيى دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالاندى، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى يېنىدا بولمىغاچقا، تۇرمۇش ئوقۇتقۇچىسى جياڭ يايا بالنىستتا يېتىپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالدى. «بالىلار ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ سىرتتا ئوقۇيدۇ، بىز دەل ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر. بولۇپمۇ ئاغرىپ قالغاندا، ئۇلار يۇرتىنى ۋە قېرىنداشلىرىنى تېخىمۇ سېغىنىدۇ. مەن شىنجاڭدىن كەلگەن، شۇنداقلا بىر ئانا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشىم كېرەك» دېدى جياڭ يايا.

  ئون نەچچە كۈن داۋالانغاندىن كېيىن، جاڭ يۇەنيىنىڭ كېسىلى ياخشىلاندى، لېكىن تېنى يەنىلا ناھايىتى ئاجىز ئىدى، «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېقىنلىشىپ قالدى، مەن شۇنچە ئۇزاق تىرىشتىم، ئىمتىھاننى قولدىن بېرىپ قويغۇم يوق.» ئەينى چاغدا جاڭ يۇەنيى ئىنتايىن تىت-تىت بولۇپ، ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالغانىدى. «بىز بالىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىغا ئىزچىل يېقىندىن دىققەت قىلىپ كەلدۇق. دوختۇرخانا بىلەن كۆپ قېتىم ئالاقىلەشكەندىن كېيىن، بىز خۇڭچياۋ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىگە جاڭ يۇەنيىگە ئايرىم ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرۇش ئىلتىماسى سۇندۇق» دېدى تيەنجىن شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرى گو ۋېنيىڭ.

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا يەنە 67 سائەت قالغاندا، تيەنجىن تېببىي داشۆسى باش دوختۇرخانىسى، تيەنجىن شەھىرى خۇڭچياۋ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى، خۇڭچياۋ رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى، تيەنجىن شەھەرلىك مائارىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان يۇرتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى خۇڭچياۋ شۆبە ئىدارىسى، تيەنجىن شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىق ئورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مەخسۇس بەن قۇرۇلۇپ، جاڭ يۇەنيىنىڭ «ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش ئارزۇسى»نى كاپالەتلەندۈردى.

6-ئاينىڭ 7-كۈنى، جاڭ يۇەنيى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشنىڭ ئالدىدا، نازارەتچى ئوقۇتقۇچىلار ئۇنىڭغا مەدەت بەرمەكتە.

رەسىمنى جاڭ شىجۈ تەمىنلىگەن

  «خاتىرجەم بولۇڭ، سىز چوقۇم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشالايسىز. دوختۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراڭ، بەدەن قۇۋۋىتىڭىزنى ئاشۇرۇڭ.» جاڭ يۇەنيى جاڭ شىجۈنىڭ تېلېفوندىكى سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، تەشۋىشى بىردىنلا پەسەيدى. 6-ئاينىڭ 7-كۈنى، جاڭ يۇەنيى تيەنجىن تېببىي داشۆسى باش دوختۇرخانىسىدا تەسىس قىلىنغان «بىر ئادەملىك ئىمتىھان مەيدانى»غا كىرىپ، 6-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىمتىھاننى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى. 8-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۇ بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى داشۆسىنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدى.

  «مەن نېمىدېگەن تەلەيلىك، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ شىنجاڭلىق ياش ئوقۇغۇچىلارغا بولغان غەمخورلۇقىدا، تيەنجىنگە كېلىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇدۇم، كېسەل ۋاقتىمدا شۇنچە كۆپ مېھىر- مۇھەببەتكە ئېرىشتىم.» جاڭ يۇەنيى مىننەتدار بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن بۇ ئۇنتۇلغۇسىز كەچۈرمىشنى ئەستە چىڭ ساقلايمەن، كەلگۈسىدە ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشنى، بۇ چۇڭقۇر مۇھەببەتنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.