تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

دۆلىتىمىزنىڭ ئاسترونومىيە ساھەسىدىكى مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەسى بولغان دىيامېتىرى 110 مېتىر كېلىدىغان تولۇق يۆنىلىشلىك ھەرىكەتچان رادىيوتېلېسكوپ تۈرىگە شىنجاڭ گۇچۇڭدا ئۇل سېلىندى

​ئەركىن تۇنىياز، جاڭ تاۋ پائالىيەتكە قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، سائەت 13تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ بىرلىكتە ئۇل تاشقا توپا يۆلىشىگە ئەگىشىپ، گۇچۇڭ ناھىيەسىگە جايلاشقان دىيامېتىرى 110 مېتىر كېلىدىغان تولۇق يۆنىلىشلىك ھەرىكەتچان رادىيوتېلېسكوپ تۈرىگە رەسمىي ئۇل سېلىنىپ ئىش باشلاندى. بۇ تۈر دۆلىتىمىزنىڭ ئاسترونومىيە ساھەسىدىكى مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەسى بولۇپ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن تارتىش كۈچى دولقۇنى، تېز سۈرئەتلىك رادىيو بورىنى، قارا ئۆڭكۈر، تۇتۇق ماددا، ئاسمان جىسىملىرى ۋە ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەردە دۇنيا دەرىجىلىك كۆزىتىش سۇپىسى بەرپا قىلىنىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى جاڭ تاۋ سىنلىق ئۇلىنىش شەكلىدە ئۇل سېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: دىيامېتىرى 110 مېتىر كېلىدىغان تولۇق يۆنىلىشلىك ھەرىكەتچان رادىيوتېلېسكوپ تۈرى دۆلەتنىڭ شىنجاڭغا ئورۇنلاشتۇرغان «دۆلەتنىڭ مۇھىم قۇرۇلۇشى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشقان ئاسترونومىيەسىنىڭ دۇنيادىكى ئىلغارلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت شەرەپلىك بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، رايون بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى مەدەنىيەت، پەن - مائارىپ مەركىزى قۇرۇشتا مۇھىم، زور ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىغا ئىگە. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، بىرتۇتاش پىلانلاش - ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈرنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا، پۇختا ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. بىز بۇنى پۇرسەت بىلىپ، «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى»نى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرىمىز، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى، ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشى ھەم ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ كۆپ ماھىيەتلىك بۆسۈش ۋە ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ، شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز.

جاڭ تاۋ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە ئاكادېمىيەدىكى بارلىق پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە ۋاكالىتەن بۇ تۈرگە ئۇل سېلىنغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت باشتىن - ئاخىر پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، پەن - تېخنىكا ئىشلىرىدا يېڭى ئەندىزە شەكىللەندى، ئەلا بولغان يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى كىشىلەر قەلبىنى روھلاندۇردى. دىيامېتىرى 110 مېتىرلىق تولۇق يۆنىلىشلىك ھەرىكەتچان رادىيوتېلېسكوپ تۈرى ئاكادېمىيە بىلەن ئاپتونوم رايون ئىككى تەرەپنىڭ پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم مەزمۇن بولۇپ، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش مەنبە رايونى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىنى تېزلىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تۈر قۇرۇلۇشى داۋامىدا ئاكادېمىيەمىز ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئېھتىياتچان، پۇختا بولۇشتىن ئىبارەت خىزمەت ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ياخشى تاماملاپ، ئىلىم - پەننىڭ ئالدىنقى سېپىنى كۆزلەپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بۇ مۇھىم، زور ئىلىم - پەن ئۇل ئەسلىھەسىنى يۇقىرى سەۋىيەدە باشقۇرۇپ ۋە ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، سەرخىل ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن تەتقىقات قوشۇنىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، خەلقئارادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئاسترونومىيەلىك كۆزىتىش بازىسىنى بالدۇرراق قۇرۇپ چىقىپ، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور ئىجادىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدۇ.

دىيامېتىرى 110 مېتىرلىق تولۇق يۆنىلىشلىك ھەرىكەتچان رادىيوتېلېسكوپ تۈرىنى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ رەسەتخانىسى قۇرىدۇ، بۇ تۈرنىڭ قۇرۇلۇش مۇددىتى ئالتە يىل بولۇپ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن كەلگۈسىدە دۆلىتىمىزنىڭ بوشلۇق پائالىيىتىنى كۈچلۈك تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

يۈسۈپجان مەمەت قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.