تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

دۆلەت ياشلار پۇتبول كوماندىسى U20 ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ رەسمىي مۇسابىقىسىگە دەرىجە ئۆرلىدى، شىنجاڭلىق بەش يىگىت سەككىز توپ كىرگۈزدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خۇاڭ شىڭ) 9- ئاينىڭ 19- كۈنى سەھەردە، جۇڭگو دۆلەت ياشلار كوماندىسى U20 ئاسىيا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىسىدە، گەرچە بىرگە قارشى نۆل نەتىجە بىلەن گۇرۇپپىدىكى ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسىغا تەڭ كېلەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا U20 ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ رەسمىي مۇسابىقىسىگە دەرىجە ئۆرلىدى. بۇ قېتىمقى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ تۆت مەيدان مۇسابىقىسىدە، دۆلەت ياشلار كوماندىسى جەمئىي توققۇز توپ كىرگۈزدى، بۇنىڭ ئىچىدە سەككىز توپنى شىنجاڭدىن كەلگەن بەش توپچى كىرگۈزدى.

ئەفىردىن (ئالدىنقى رەت ئوڭدىن بىرىنچى) كوماندا باشلىقى يەڭ بەلگىسىنى تاقاپ، ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان ھالقىلىق مۇسابىقىگە قاتناشتى. سۈرەتنى ئەفىردىن تەمىنلىگەن.

سەككىز توپنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا گۇاڭجوۋ پۇتبول كۇلۇبىدىن ئەفىردىن ئەسقەر (ئۈچ توپ كىرگۈزدى)، جېجياڭ پۇتبول كۇلۇبىدىن رەھمىتۇللا شۆھرەت (ئىككى توپ كىرگۈزدى)، شەندۇڭ تەيشەن پۇتبول كۇلۇبىدىن مەۋلان مىجىت (بىر توپ كىرگۈزدى)، جىنەن شىڭجوۋ پۇتبول كۇلۇبىدىن بەھرام ئابدۇۋەلى (بىر توپ كىرگۈزدى)، چاڭچۇن ياتەي پۇتبول كۇلۇبىدىن ئابدۇللا ئادىل (بىر توپ كىرگۈزدى) كىرگۈزدى.

ئەفىردىن مۇسابىقىدە ئاكتىپلىق بىلەن توپ تالاشماقتا. سۈرەتنى ئەفىردىن تەمىنلىگەن.

«بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە، دۆلەت ياشلار كوماندىسى تىزىملىكىدىكى 23 كىشىنىڭ يەتتىسى شىنجاڭدىن كەلگەن، شىنجاڭلىق توپچىلاردىن تاللانغان ئادەم سانى ئىلگىرىكى نۆۋەتلىك دۆلەت ياشلار كوماندىسى ۋە دۆلەت ئولىمپىك كوماندىلىرىنىڭكىدىن كۆپ يۇقىرى بولدى، بۇمۇ يەنە بىر قاتلامدىن شىنجاڭدىكى پۇتبول ئىختىساسلىقلىرىنىڭ جۇڭگو پۇتبولچىلىقىدا سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر خىل ئۆسۈپ يېتىلىش كۈچىگە ئايلانغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.» شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى شۈ مىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ بىزنىڭ شىنجاڭ پۇتبول تىرېنېرلىرى، رېپىرلىرىنى تەربىيەلەش ھەم ھەر دەرىجىلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتى، بىرلەشمە مۇسابىقە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئۇل قۇرۇلۇشلارنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى».

ئەفىردىن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئۈچ توپ كىرگۈزدى، ئېرىشكىنى ئەپسۇسلىنىدىغىنىدىن كۆپ بولدى. سۈرەتنى ئەفىردىن تەمىنلىگەن

گەرچە يەنە باشقا گۇرۇپپىلارنىڭ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشمىغان بولسىمۇ، لېكىن دۆلەت ياشلار كوماندىسىنىڭ ئالتە نومۇرلۇق ساپ ئالتە توپ كىرگۈزگەن نەتىجىسى، بەھرەيىن كوماندىسى، يەمەن كوماندىسى، سۇرىيە كوماندىسى، موڭغۇلىيە كوماندىسى، تايلاند كوماندىسى، لىۋان كوماندىسى قاتارلىق گۇرۇپپىدا ئىككىنچى بولغان ئالتە كوماندىنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى، بۇنىڭ بىلەن دەرىجە ئۆرلەش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.