تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك

ئاپتونوم رايون، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى زىجىڭ مەدەنىيەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئاپتونوم رايون، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى زىجىڭ مەدەنىيەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن ئۈرۈمچىدە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جىڭۋېيسى لى يىفېي، زىجىڭ مەدەنىيەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ماۋ چاۋفېڭ قاتناشتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ چۇنلىن رىياسەتچىلىك قىلدى.

زىجىڭ مەدەنىيەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى «مەۋقەنى شياڭگاڭغا قويۇپ، چوڭ قولتۇق رايونىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ئوتتۇرا، جەنۇبىي ئاسىياغا تەسىر كۆرسىتىپ، پۈتۈن دۇنياغا يۈزلىنىش»تىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك مەدەنىيەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەركەز كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كىنو - تېلېۋىزىيە كەسپى، تاراتقۇ ئۇچۇرى، نەشر قىلىپ تارقىتىش، مەدەنىيەت - ساياھەت، ئويۇن قويۇش، پۇل مۇئامىلە، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ساھەلەردە مول ئەمەلىي كۈچكە ۋە بىرقەدەر زور تاشقى تەسىر كۈچىگە ئىگە، جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت كەسپىدىكى باشلامچى كارخانا بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت ئىشلىرى قۇرۇلۇشى ۋە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تارقىتىشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

جاڭ چۇنلىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە ۋاكالىتەن زىجىڭ مەدەنىيەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىياتىنى كۆزلەپ چىقارغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشكەن كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت بايلىقى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش جەريانىدىكى ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت كارخانىلىرىنىڭ تۈر قۇرۇلۇشىدىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېتىشىپ مېڭىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى، ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش، كۆرگەزمە قىلىش، ئارخېئولوگىيەلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قېزىش، تەتقىق قىلىش، مەدەنىيەت - ساياھەتنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. بۇ قېتىمقى كېلىشىم ئىمزالاش ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بىلەن زىجىڭ مەدەنىيەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مېھىرلىك تۇپراقتا ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشنى ئورتاق كۆزلەش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئورتاق بەرپا قىلىشتا يېڭى پەللىگە قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ مۇقەررەر شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنىڭ زور تەرەققىياتى، زور گۈللىنىشىگە تېخىمۇ كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ۋە كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىشتىن ئىبارەت «قوش ئىلگىرى سۈرۈش، قوش پايدا ئېلىش»نى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بىلەن زىجىڭ مەدەنىيەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئالاقىدار جەھەتلەردە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

سۈن خۇڭمېي، لى شۈ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، زىجىڭ مەدەنىيەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قارىمىقىدىكى ئورۇنلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى قاتارلىقلار كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.