تىيانشان تورى خەۋىرى ئالتۇن كۈزدىكى 9-ئايدا، موڭغۇلكۈرە سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل بولۇپ، پارلاق تاڭ نۇرى دەريا يۈزىنى يورۇتۇپ، توپ-توپ قوي-كالىلار غەمسىز ئوتلاپ، بىر پارچە تەبىئىي ئېكولوگىيە گۈزەل يۆگىمە رەسىمىنى ھاسىل قىلغانىدى.
موڭغۇلكۈرە سۇلۇق يەر باغچىسى ئېگىزلىك سۇلۇق يېرىگە تەۋە، بۇ يەردە سۇ ۋە ئوت-چۆپ مول، سازلىق، ئىككىلەمچى ئورمان، ئوتلاق، دەريا قاتارلىق مول تەبىئىي مەنزىرىلەر بار، قارامتۇل كۈلرەڭ تۇرنا، كۈلرەڭ تۇرنا، ئاق قۇ قاتارلىق 300 خىلغا يېقىن قۇش تۈرى بار، بۇ يەر نۇرغۇن قۇشلارنىڭ ياشاش ماكانىدۇر.
ئىختىيارىي مۇخبىر: سۈن چىنخۇا، پۇ جىچياڭ، با شېڭ
مەنبە: موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى