«ئورتاق كېڭىشىپ، ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئورتاق بەھرىلىنىپ، ھەمكارلىشىپ كەلگۈسىگە يۈزلىنەيلى»نى ئاساسلىق تېما قىلغان 7- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى 9- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن 22- كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى، خەلقئارا سودا ۋە تاۋار سودىسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە تۇنجى قېتىم «توردا + تور سىرتىدا» ئەندىزىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ، نۆۋەتتە، توردىكى كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش قانىلى ئېچىۋېتىلدى. كۆپچىلىك ھۆكۈمەت تورى ئارقىلىق توردىكى كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ، 3D ،2D كۆرگەزمە سۇپىسىنى، شۇنداقلا VR نەق مەيدان كۆرۈنۈشىنى كۆرسە بولىدۇ. ئانار بۇلۇت سىزنى تېخىمۇ كۆپ ئېسىل مەزمۇندىن ئۈزۈلدۈرمەي خەۋەردار قىلىدۇ.
رېژىسسور: جاينار نۇرلانبېك، لى خۇڭيەن
ئېكرانغا چىققۇچى: لى خۇڭيەن، جاينار نۇرلانبېك
ئوپېراتور: دوۋ شىڭجۈن، جاينار نۇرلانبېك
فىلىم ئىشلىگۈچى: خۇ يۈن
لايىھەلىگۈچى: خۇ يۈن
نازارەتچى: ماۋ مىڭدۇڭ، شۆ جىڭ