تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۈچۈن تۈزۈپ بەرگەن گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز

ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنى ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، تارماقلاردا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى −

تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۈچۈن تۈزۈپ بەرگەن گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، تارماقلار كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. كەڭ كادىرلار، ئامما بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملەپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە ھەقىقىي نامايان قىلىپ، باش شۇجى شىنجاڭ ئۈچۈن تۈزۈپ بەرگەن گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز.

ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرىمىز

ئومۇمىي يىغىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىي ماھىيىتى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش توغرىسىدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

«ئومۇمىي يىغىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، باشتىن ـ ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقى، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى نامايان قىلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ۋاڭ جىخۇا مۇنداق بىلدۈردى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالىنىش كاپالىتى سىستېمىسىدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، داھىينىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتا ۋە ئاغرىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي تۈرتكە بولىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خۇ يەنجېن مۇنداق بىلدۈردى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى مائارىپ سىستېمىسىدىكىلەر قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسى خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ھالدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسى، دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىق مائارىپى ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىشلىتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۇزاققىچە بوشاشماي، شىنجاڭ مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۈ شياۋنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چۆرىدەپ، سۈپەت جەھەتتە كۈچلۈك رايون ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا خەلق ئاممىسى باش قاتۇرۇۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان ۋە ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىشلارنى ياخشى ھەل قىلىمىز.

تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە ھەقىقىي نامايان قىلىمىز

خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش باشتىن ـ ئاخىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان خىزمەت. ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە ھەقىقىي نامايان قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر ئىمىنجان زارى مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان ـ ۋەزىپىلەر بويىچە ئۆلچەمگە، تەلەپكە توغرىلىنىپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇماي، قۇرۇق ئىشقا بېرىلمەي، دىققەتنى ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى ساقلاشنى ھەقىقىي تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە نامايان قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىپ، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز.

شىنجاڭ داشۆ پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى ياۋ چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى مائارىپنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىگە ئائىت ئۇل خاراكتېرلىك مەسىلىلەر تەتقىقاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسىنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىش، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، پەن تەتقىقات ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا دۇچ كەلگەن رېئال مەسىلە ۋە جىددىي ئېھتىياجغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭ داشۆنىڭ «قوش بىرىنچى قاتار» قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى پىڭ شىنلەي مۇنداق بىلدۈردى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنى خەلق ئۈچۈن قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا ئەمگەك كۈچلىرى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى كۈچەپ تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار سىياسىتى بىلەن تەمىنلەشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلار مۇلازىمىتى كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدىكى خەۋپ ـ خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى ئەستايىدىل رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، زىددىيەت ـ ماجىرالارنى پۇختا، ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايمىز.

ئومۇمىي يىغىن روھىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تېز تۈرتكە بولىمىز

ئورۇنلاشتۇرما قىلىش بىر ئۈلۈش بولسا، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توققۇز ئۈلۈش بولىدۇ.

«ئومۇمىي يىغىن روھىنى قايتا ـ قايتا ئۆگىنىش ئارقىلىق، خىزمەت تەپەككۇرىمىز بارغانسېرى روشەنلىشىپ، بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە ئىشەنچ ۋە كۈچ قوشۇلدى.» كەلپىن ناھىيەسى يۇرچى يېزىلىق ئەمگەك كاپالىتى پونكىتىنىڭ كادىرى خۇرشىدەم قادىر مۇنداق دېدى: بىز تېخىمۇ ئەمەلىي خىزمەت پوزىتسىيەسى بىلەن ئەمگەك كاپالىتى پونكىتىنىڭ داۋالىنىش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى قاتارلىق خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارنى جايىدا بېجىرىپ، ياخشى بېجىرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئاممىغا بەخت يارىتىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن پائال كۈچ قوشىمىز.

ئىشقا ئورۇنلىشىش خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتنى ساقلاشنىڭ ئاساسى. ھازىر، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشقا سىجىل تۈرتكە بولماقتا. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىنىڭ مۇدىرى چى بىيىڭ مۇنداق بىلدۈردى: مەركىزىمىز پەيتنى قولدىن بەرمەي جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش قىياپىتى بىلەن ئومۇمىي يىغىن روھىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تېز تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشكە مۇلازىمەت قىلىش پائالىيەتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قانات يايدۇرىمىز.

«بۇ يىللاردا، يۇرتداشلارنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى، تەبەسسۇمىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، كۈنلىرىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، خىزمەتتە غەيرەت ـ شىجائىتىم ئاشتى.» قاراقاش ناھىيەسى زاۋا بازىرى دۆڭباغ كەنتىدىكى خەلق ئىشلىرى ياردەمچىسى تۇردىمەمەت تۇردى مۇنداق دېدى: بىز ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار بېقىلىدىغان كىشىلەر قاتارلىق ئاممىغا ئالاقىدار مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ زورايتىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ۋاقتىدا كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى مەنپەئەتلەندۈرىمىز.

(مۇخبىر جاۋ شىيا، قاتناشقان مۇخبىرلار لى لىن، يۈ شى، رېن چۇنشياڭ، رېن خۇا، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ شىتاۋ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.