تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

شىنجاڭلىق ئۈچ يىگىت تۆت توپ كىرگۈزۈپ، دۆلەت ياشلار پۇتبول كوماندىسىنىڭ نۆلگە قارشى بەش نەتىجە بىلەن مالدىۋېنى يېڭىشىگە كۈچ قوشتى

دۆلەت ياشلار كوماندىسى نۆلگە قارشى بەش نەتىجە بىلەن مالدىۋې كوماندىسىنى يەڭدى. سۈرەت «پۇتبول جۇڭگو» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن ئېلىندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خۇاڭ شىڭ) 9- ئاينىڭ 15- كۈنى سەھەردە، U20 ئاسىيا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو دۆلەت ياشلار كوماندىسى نۆلگە قارشى بەش نەتىجە بىلەن مالدىۋې كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. جۇڭگو كوماندىسىنىڭ شىنجاڭلىق ئۈچ ئەزاسى رەھمىتۇللا شۆھرەت، مەۋلان مىجىت، ئەفىردىن ئەسقەر جەمئىي تۆت توپ كىرگۈزۈپ، كوماندىنىڭ ئۇدا ئىككى مەيدان غەلىبە قىلىشىدا تۆھپە ياراتتى.

دۆلەت ياشلار كوماندىسى بۇ قېتىمقى تاللاش مۇسابىقىسىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا بېرما كوماندىسى، مالدىۋې كوماندىسى، ئۆزبېكىستان كوماندىسى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسى بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈندى. 10 گۇرۇپپىدىكى بىرىنچى بولغان ۋە نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بەش گۇرۇپپىدىكى ئىككىنچى بولغان كوماندا 2023- يىلى ئۆزبېكىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان U20 ئەرلەر ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە دەرىجە ئۆرلەيدۇ. ئۆزبېكىستان كوماندىسى ساھىبخانا كوماندا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەڭ ئاخىرقى گۇرۇپپا رەت تەرتىپىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.

تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە، دۆلەت ياشلار كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئەفىردىن ئەسقەر ۋە بەھرام ئابدۇۋەلىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولدى، ئىككىيلەن ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ، كوماندىنىڭ بىرگە قارشى ئۈچ نەتىجە بىلەن بىرما كوماندىسىنى يېڭىشىگە ياردەم بەردى. ئالدىنقى ئىككى ئايلانما مۇسابىقىدە، مالدىۋې كوماندىسى يەتتىگ قارشى نۆل ۋە 11گە قارشى نۆل نەتىجە بىلەن ئۆزبېكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسىغا يېڭىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە جۇڭگو ياشلار كوماندىسى ئامال بار تېخىمۇ كۆپ توپ كىرگۈزۈشى كېرەك ئىدى.

دۆلەت ياشلار كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىش بىلەنلا توختىماي ھۇجۇم قوزغىدى. مۇسابىقە باشلىنىپ دەسلەپكى 10 مىنۇتتا، بەھرام، ئەفىردىن ئارقا- ئارقىدىن توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، لېكىن پۇرسەتنى تۇتالماي قالدى. 23- مىنۇتتا، ئەفىردىن ئوڭ تەرەپتىن چەكلەنگەن رايونغا بۆسۈپ كىرىپ، تۆۋەن سىزىقتىن پاس بەردى، رەھىمىتۇللا ۋاراتار ئالدىدا توپنى تىپىپ، ئالدى بىلەن توپ كىرگۈزدى. 12 مىنۇتتىن كېيىن، ئەفىردىن ۋاراتار ئالدىدا توپنى تالىشىپ تىپىپ يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى يەنە بىر قېتىم ئۆزگەرتتى. 39- مىنۇتتا، بەھرام ئوڭ تەرەپتىن پاس چىقاردى، رەھىمىتۇللا توپنى ئۈسسۈپ ۋاراتارغا كىرگۈزدى، دۆلەت ياشلار كوماندىسى نۆلگە قارشى ئۈچ نەتىجە بىلەن يېرىم مەيدان مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇردى. 60- مىنۇتتا، دۆلەت ياشلار كوماندىسى بۇلۇڭ توپ چىقاردى، ئارقا تەرەپكە بېكىنىۋالغان چېن جېشۈەن توپنى ئۈسسۈپ كىرگۈزۈپ نومۇرغا ئېرىشتى. 84- مىنۇتتا، دۆلەت ياشلار كوماندىسى نۇقتا توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، مەۋلان غەزەپ بىلەن تىپىپ، نۇقتا توپنى كىرگۈزدى.

10- نومۇرلۇق مۇسابىقە كىيىمى كىيگەن مەۋلان مۇسابىقىدە. سۈرەت «پۇتبول جۇڭگو» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن ئېلىندى

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە دۆلەت ياشلار كوماندىسى جەمئىي سەككىز توپ كىرگۈزدى، بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە توپنى شىنجاڭدىن كەلگەن توپچىلار كىرگۈزدى، بۇ، ئۈچ نۇقتا توپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسى ئىككىگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن ئۆزبىكىستان كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. 9- ئاينىڭ 17- كۈنى، دۆلەت ياشلار كوماندىسى ئۆزبېكىستان كوماندىسى بىلەن، سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسى بىرما كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىدا، 9- ئاينىڭ 19- كۈنى دۆلەت ياشلار كوماندىسى سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسى بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدۇ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە گۇرۇپپا بويىچە بىرىنچىلىك تەۋەلىكى بېكىتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.